2015.01.30

بېيجىڭغا 61 قېتىم ئەرز قىلىپ بارغان 71 ياشلىق ئەما ئەرزدار قاماققا ئېلىنغان
بېيجىڭغا 61 قېتىم ئەرز قىلىپ بارغان 71 ياشلىق ئەما ئەرزدار ئېلى رىشىتنىڭ بىر يىلدىن بېرى پىچاندا قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
پىچان يېڭىيەرلىك ئېلى رىشىت، 20 يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك بىر ئىجتىمائىي جېدەلگە چېتىلىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق ۋە قىيناش داۋامىدا ئۇنىڭ بىر كۆزىگە توك كالتەك تېگىپ، شۇ كۆزى كاردىن چىققان.
سوراق ئاخىرىدا ئېلى رىشىت گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئېلى رىشىتنىڭ 20 يىلغا سوزۇلغان ئەرز سەپىرى باشلانغان.
ئۇ بېيجىڭغا 61 قېتىم بارغاندىن كېيىن، بۇلتۇر 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ تۇتۇلۇپ بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ نەدىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتى ھەققىدە ئائىلىسى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى تۇتقۇن دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا تېپىرلاپ يۈرمەكتە.
مۇسۇلمان دوختۇر ئايال تايلاندتا قازا قىلغان 3 ياشلىق ئابدۇللانى 53 كۈن باققان
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان بىر دوختۇر ئايال تايلاندتا قازا قىلغان 3 ياشلىق ئابدۇللانى 53 كۈن باققان. گەرچە بۇ ئايال يات تىللىق بىر مۇسۇلمان بولسىمۇ، لېكىن مۇساپىر بالا ئابدۇللاغا ئانىلارغا خاس مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەن.
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 3 ياشلىق مۇساپىر بالا ئابدۇللانىڭ تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا 53 كۈن يالغۇز يېتىپ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
تۈركىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ جەريانلارغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان شاھىتلاردىن بىرىدۇر.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئايال دوختۇر دوختۇرخانىدا ئابدۇللانى ئانىلىق مېھرى بىلەن باققاندىن سىرت، ئابدۇللانىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا 600 كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ۋە مەرھۇم ئابدۇللانىڭ يۈزىگە يۈزىنى يېقىپ:«كەچۈر بالام مەن ساڭا ئانىلىق مېھرىنى تولۇق يەتكۈزەلمىدىم» دەپ ھازا ئاچقان. بۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆرتىگەن.
ھوقۇق تەشكىلاتى 2014-يىلى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2015- يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتىگە باغلاپ، «كەڭ كۆلەملىك مىللىي كەمسىتىش، قاتتىق دىنىي باستۇرۇش، داۋاملىق كۈچىيىپ بارغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىيچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتتى» دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا ئالاقىدار دېلولارنىڭ ئادىل سوتلانغانلىقىدا جىددىي گۇمان بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دېلولارغا ئالاقىدار مۇستەقىل ئۇچۇرنىڭ كەملىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى چاقماق تېزلىكىدە سوتلىشى، خىتاي قانۇنىنىڭ تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا يول قويۇشى، بۇ خىل ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەلپىن جامائىتى تۈرمىدىكى دىنىي ئۆلىمانى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان
كەلپىندىكى ئۇيغۇر جامائىتى كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، يىللاردىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان 85 ياشلىق ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يازما ئىلتىماسىدا ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆيىدە ئۆتىشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت ۋە تۈرمە دائىرىلىرى كەلپىن خەلقىنىڭ بۇ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلغان.
بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ سالامەتلىكى پەۋقۇلئاددە ناچارلاشقان، روھىي ھالىتىدىمۇ بىنورماللىق كۆرۈلگەن.
دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ ئوغلى مەمەت قارىنىڭمۇ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.
رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياپونىيەگە باردى
28-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياپونىيەگە يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ياپونىيە ئاخباراتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياپونىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى سەپىرى جەرياندا ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر يىلدىن بۇيان تايلاندتا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
رابىيە قادىر خانىم توكيو نارىتا ئايرودرومىغا چۈشكەندە بىر قىسىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى سىياسىي پائالىيىتىنى داۋام قىلماقتا.
يوپۇرغىدا 65 ئائىلە خەتەرلىك ئۆيلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن
ئاشكارىلىنىشىچە، يوپۇرغا بايئاۋاتتا 65 ئائىلە سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن خەتەرلىك ئۆيلەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن.
يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بايئاۋات يېزا 3-كەنتىدە 2011-يىلى ۋە 2012 يىللىرى 100 گە يېقىن ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش باشلانغان.
قۇرۇلۇش، دېيىلگەن ۋاقىتتا پۈتمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۆلچەملىك ماتېرىياللار ئىشلىتىلمىگەچكە ئۆي پۈتمەي تۇرۇپلا بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بۇ ئەھۋالنى ئاھالىلەر توپلىشىپ بېرىپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان.
تەكشۈرۈشتە ئۆي سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىلەرنى بۇ ئۆيلەرگە دەرھال كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. ھەتتا بۇ ئۆيلەرگە كۆچمىسە سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تەھدىت سالغان. نەتىجىدە 65 ئائىلە سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن ئاتالمىش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن.