2015.01.26

rabiye-yapon-kagoshima.JPGد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلماقتا. 2009-يىلى ئۆكتەبىر.

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 28-يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تور بەتلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك سۆھبەت، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا بىر قىسىم زىيالىيلار ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىدىن ئۈمىدلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نۆۋەتتىكى زىيارىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە سەپىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.