2014.08.28

doletlik-axbarat-culubi-yeken-weqesi-rabiye-qadir.jpgرابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۇئاللار جاۋاب بەرمەكتە

چارشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەندە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەكەن ئېلىشقۇدىكى ۋەقەدە كېلىپ چىققان ئادەم چىقىمىنىڭ خۇددى بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى ۋە 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاشلا كۆپلىكىنى، بىراق بۇنىڭدىن دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋەقەگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەنسىزلىك: خىتاي تىلغا ئالمايۋاتقان ھەقىقەتلەر» ماۋزۇلۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رابىيە خانىم ئالدى بىلەن ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئاخباراتچىلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى دۇنياغا خەۋەر قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار 65 يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 2009 – يىلىدىن بۇيانقى زۇلۇمنىڭ ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ نۆۋەت يەكەن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئوخشاشلا زوراۋان – تېررورچىلار پەيدا قىلغان ۋەقە، دېيىش ئارقىلىق، بۇنى تېررورلۇق ۋەقەسى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، يەكەن ئېلىشقۇدىكى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 2000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ رەقەمنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئوخشىمايدىغان مەنبەلەر بارلىقىنى، بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتنى قاتتىق يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. رابىيە خانىم شۇنداقلا ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىدىكى دېھقانلارنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىگە ئوخشاش مەجبۇرىي ھالدا قولىغا توقماق تۇتقۇزۇپ، مەجبۇرىي ھالدا ئاتالمىش تېررورچىلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا چىقىرىۋاتقانلىقىنى، يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا ھېلىھەم كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. رابىيە قادىر خانىم كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنى يەكەندىكى ۋەقە ھەققىدە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ھەرقايسى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلاپ چىقىلغان ئىنگىلىزچە دوكلاتنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، زال ئىچى لىق تولغان ئىدى. ئۇلار يۇقىرىدىكى دوكلات بېرىش قىسمى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن سوئال سوراش قسىمىدا بەس – بەستە رابىيە قادىر خانىمدىن سوئال سورىدى. مۇخبىرلار قىزىقىپ سورىغان سوئاللارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا – خىتاي ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىۋاتقان – ئالمايۋاتقانلىقى بولدى. رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن، ئەلۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەر قېتىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇلاردىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنى مەيلى ئاشكارا، مەيلى يېپىق يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا يەنە، مۇخبىرلاردىن بىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار بىلەن نېمە ئورتاقلىق بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىدى. رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭغا جاۋابەن، تەيۋەندىكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تىنچلىق بىلەن ئارزۇسىنى نامايەن قىلىش يولى، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئاخىرىقى نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلار بىلەن ئورتاقلىقى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى دېموكرات خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھازىرغىچە قوللاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىندا مۇخبىرلار يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئاتالغۇسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى سورىغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ئىسمىنىڭ شەرقىي تۈركستان دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن بەرگەن ئىسىملىكى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتايلار شىزاڭ دەپ ئاتايدىغان جاي تىبەت دەپ ئاتىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز يۇرتىنى باشقىلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان دەپ ئاتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، شۇڭا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ زېمىننى ئاتىغاندا شەرقىي تۈركستان دېگەن ئىسىمنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە، يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىپارخاننىڭ كارتون فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سوئال سورالدى. شۈبھىسىزكى، بۇ، يېقىندىن بۇيان چەتئەل مۇخبىرلىرى قىزىقىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالغان ئىدى. مۇخبىر بۇ كارتون فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئىپارخاننىڭ تارىخىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ نازۇك ھېسلىرىغا تاقىشىدىغان بىر مەسىلىنى تەشۋىقات ۋاستىسى قىلىپ تاللاپ خاتا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىرلار يەنە نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى دىنىي رادىكاللىققا باغلىۋالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسى بار – يوقلۇقىنى سورىدى. رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدەك بىر پاكىتنى سۇيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ھازىر خەلقئارادا ئېقىم بولۇۋاتقان دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنى بويىچە بازارغا سېلىپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن تارتىۋاتقان زولۇمىنىڭ دىنىي رادىكاللىق ياكى تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىشىشقا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم يەنە تۈركىيە ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرلىرىنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رابىيە قادىر خانىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىشتىكى سەۋەب ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولۇۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى، ئامېرىكا ئۇ مەسىلىلەرگە قانداق جىددىي قاراۋاتقان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىگىمۇ شۇنداق جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.