2014.07.07

5-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلىدى. شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمغا قازاق، تۈرك، تاتار خەلقلىرى ۋەكىللىرىمۇ ئىشتراك قىلدى. دىنىي زاد مەھەممەتجان ھاجىم ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدە ھەم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن قازا بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈن نۇقتىئىينەزىرىدىن چۈشەندۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئىگىلەنگەن يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى توغرىلىقمۇ قىسقىچە ئاخبارات بەردى. ق. غوجامبەردى شۇنداقلا قازاقىستاندىكى سۆز ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىق، بىرلىك قەدرىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىغا قىلغان مۇراجىتىنى تىڭشىدى.
«ئەۋلاد بولمىسا ئەتە ھەممىسى ئېگىسىز قالىدۇ»
سۆزگە چىققان ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف مەزكۇر مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلار نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئادەمنىڭ بوينىدا ئۇلۇغ ئارزۇ بولىدۇ. بۇ ئارزۇ ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنىڭ پۇقراسى بولۇشتۇر. بۈگۈن مانا بەش يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتىمىز. 2009-يىلى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا بولغان مۇراسىمغىمۇ قاتناشقان ئىدۇق. بىز، تۈركىي خەلقلەر، ئالەمدە بەشىنچى ئورۇندا كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ ئەۋلادلىرىمىز كۆپ بولسا بىز ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز. ئەۋلاد بولمىسا ئەتە يەرمۇ قالىدۇ، ئەلمۇ قالىدۇ، ھەممىسى ئېگىسىز قالىدۇ. بۈگۈن قازاق خەلقىنىڭ، تۈرك ۋە ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلار ناھايىتى توغرا. بۇ نىيەتلىرىڭلارنى ئاللاھتائالا يەردە قويمايدۇ. شۇڭلاشقا سىلەرگە بەخت، پاراۋانلىق، ئامەت تىلەيمەن.»
«سىلەرنى قوللايمىز»
تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئايدوس سارىم: «دۇنيانىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بارلىقىمىز كۆرۈۋاتىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا دۇنيا تونۇغان مەملىكەتلەرگىمۇ خەۋپ تۇغۇلماقتا. ئۇكرائىنادىكى ئەھۋالنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئۇكرائىنانىڭ ئەللىك مىليون خەلقى بار، پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر، ئۆز چېگرىسى بار، سوۋېت دەۋرىدىن كېيىن ب د ت غا ئەزا بولغان مەملىكەت ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ ئۆزىدە تۈنۈگۈنكى ئىمپېرىيەنىڭ قىساس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ قىرىملىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ جاپا چېكىۋاتىدۇ. ستالىن زامانىسىدا پالانغان، ئەمدى مانا ئادەم بولارمىزمۇ، قانىتىمىزنى يايارمىزمۇ دېگەندە يەنە بېقىندىلىققا دۇچار بولۇۋاتماقتا. بىز 20-ۋە 21-ئەسىرلەردىن ساۋاق ئالىدىغان بولساق، ھەر قانداق ئىمپېرىيە بىرەر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارشى. ئىمپېرىيە پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدۇ.»
ئۇ شۇنداقلا، قازاقىستاننىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ ئىككىنچى دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، يىگىرمە-يىگىرمە بەش يىلدىن كېيىن قازاقلارنىڭ مەملىكەت خەلقىنىڭ 85-90 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە شۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكى كۈندە قازاق مەملىكىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، شۇ يولدا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ مانا شۇنىڭغا، قازاقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرىشىگە ئۆزىنىڭ ياردەم قولىنى سوزسا. سەۋەبى سىلەرنىڭ بۈگۈن قازاق بولغىنىڭلار، ئەتە سىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ چوڭ بىر كاپالىتى.
قازاقلار ئۈچ ئاچارچىلىقتىن ئامان ئۆتتى، ئىمپېرىيەنىڭ ئازابىنى كۆردى. شۇڭلاشقا بىز ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ ئۇيغۇر، كەرىس، نېمىس، تۇڭگان، تۈرك بولۇپ قېلىشىغا قارشى بولمايمىز. سىلەر ياخشى بىلىسىلەر، قازاقىستاندىكىدەك تىياتىر، مەكتەپ، گېزىت باشقا قايسى ئەلدە بار؟ بىز بۇنى دائىم قوللايمىز، ساقلايمىز، مەملىكەت دەرىجىسىدىمۇ قوللاش بار. بىرلا ئۆتۈنۈش. سىلەر يەنىمۇ ئاكتىپلىق كۆرسەتسەڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن قازاق مەتبۇئاتىغا، ئومۇمەن، مەتبۇئاتقا پات-پات چىقىپ، دۇنياغا تارىلىۋاتقان ئاخباراتلاردا رابىيە خانىم ۋە باشقا چوڭ شەخسلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قازاق جەمئىيىتىگە تاراتساڭلار، سىلەرگە بولغان كۆز قاراش، ھېسداشلىق سېزىمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. مېنىڭ قازاق بولۇڭلار دەپ ئېيتقىنىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى، ئالىملىرىنىڭ سانىنى، قازاق مەتبۇئاتىدا بېسىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ھاجەت. مانا شۇ ۋاقىتتا بىزدە ھەرىكەت، دىن، تىل بىرلىكى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقاچان ھارماڭلار….»
«ئۈچ يۈز مىليون يۈرەك بىر يۈرەك بولسۇن»
تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەت داغدۇران دۇنيادا 300 مىليون تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىقىنى ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايلى. رادىيە قادىر ئانىمىز ئەر كىشى ئوخشاش بارلىق يەرلەرنى ئارىلىماقتا. ئۇنى ئامېرىكىدا، فرانسىيىدە، ياپونىيەدە تونۇدى. ئەمدى قازاقىستاندا ئۇنىڭ توغرىلىق يېزىلمايۋاتىدۇ. ئايدوس، ئابېن ئوخشاش دوستلىرىمىز چىقىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قازاقىستاندا تارقىتىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، بۈگۈنكى مۇراسىمدا ئۇيغۇرلاردىن قازاقلار كۆپرەك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئومۇمەن سىلەرنىڭ مەسىلەڭلارنى تاتارلار، باشقۇرتلار، ھەممىسى بىلىشى لازىم. بىزگە باشقىسىدىن پايدا يوق. ئۈچ يۈز مىليون يۈرەك بىر يۈرەك بولسۇن،»
«خەلق دۆلىتى بولسا، ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ»
تاتار-باشقۇرت جەمئىيىتى رەئىسى ۋاسلىم ئىلمۇرات مۇھەممەتجان ئوغلى: «مەن ئۆزۈم غۇلجىدا تۇغۇلغان. 44-47-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا تالاي تاتارلار قاتنىشىپ، شېھىت بولغان. ئەگەردە بىز، تۈركىي خەلقلەر، بارلىقىمىز بىر بولمىساق، بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ھېچكىم ئويلاپ قويمايدۇ. ھازىر مانا شېھىتلارنى ئەسلەپ ئولتۇرىمىز. شۇلارنىڭ ئىمانلىرى يولداش بولسۇن، ياتقان يەرلىرى يۇمشاق بولسۇن، جايلىرى جەننەتتە بولسۇن.»
مۇراسىمدا شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، مۇستەقىللىق ۋە بىرلىك ئىدىيىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاسىيەم تۇردىيېۋا مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈردى.