2014.05.08

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئەركىنلىك ژۇرنىلى» تىراژى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلىدىغان ئېقىم مەسىلىلىرى ئاساس قىلىنغان ژۇرنال. مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە شۇنداقلا سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ بېشىدا ماقالە ساھىبى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقى، ئىلگىرى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى، كېيىن ئۈرۈمچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ 1994-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەنلىكى، 1999-يىلى ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق كۇرسىنى تاماملاپ، دېھقانچىلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكى، ھازىر بولسا ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر دېھقانچىلىق شىركىتىدە ئۆز كەسپى بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يەنە، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا 1997-يىلى ئىلىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىنى ياپونىيەدە تەشۋىق قىلىش ۋە شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىدىن ئىبارەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشتەك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە شۇندىن بۇيان تا ھازىرغا قەدەر ياپونلارغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ماقالە ئاپتورى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر:ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندىم، ماقالىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن.
تۇرمۇھەممەت:رەھمەت سىزگە.
مۇخبىر:ئالدى بىلەن سىز، ماقالىڭىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
تۇرمۇھەممەت: ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىمى 6-سانىغا بۇ بىر يۈرۈش ماقالىلەرنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى توغرىلىق بىر ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدا ئاساسەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن نامەلۇم كىشىلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ھەققىدە سۆز باشلاپ، خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ئۇرۇشىغا باغلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمدى خىتايدا ھەرقانداق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ قالسا، ئالدى بىلەن بۇنى ئۇيغۇرلارغا چاتىدىغان، ھۆكۈمەت قاتتىق بىر تەدبىرنى قوللانسا، خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نەپرىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىدىغان مۇشۇنداق بىر ھالەتنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە،خىتاي دۆلىتىدە شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.
مۇخبىر:سىزنىڭ ماقالىڭىزدە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىن ئېلىنغانمۇ ياكى سىز بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئېغزىدىن توپلىغان ماتېرىياللارمۇ؟
تۇرمۇھەممەت: مەن بۇ بىر يۈرۈش ماقالەمنى مەن ئالتە بۆلەككە بۆلمەكچى. بىرىنچى قېتىملىقى بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مۇقەددىمىسى. ئىككىنچى قېتىملىقى ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن تارىخىنى بىر قۇر چۈشەندۈرمەكچى. بۇنىڭدا ئاساسەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماستەك مەشھۇر تارىخچىلىرىمىز بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ، تارىخنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئاساسىي بىر مەنبە. ياپونىيەدە ئىنگلىزچە، خىتايچە نۇرغۇن تارىخى ماقالىلەر بار. بۇنىڭدىنمۇ پايدىلانماقچى. ئۈچىنچى قېتىملىقى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش جەريانى، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى قانداق بىر ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان، ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق بىر تاقابىل تۇرغان. قەشقەرىيە دۆلىتى قانداق قۇرۇلغان دېگەن مەزمۇنلاردا. بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەنبەلىرى بار ھەمدە ياپونىيەدىمۇ نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. مۇشۇنداق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يازماقچى. تۆتىنچى قېتىملىقى، مۇشۇ شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر،ئاندىن كېيىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېڭى شەكىللەنگەن بىر خەلقئارالىق تۈزۈم ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستالىننىڭ قولى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، مانا مۇشۇ پۈتۈن بىر جەرياننى چۈشەندۈرمەكچى. بەشىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ، خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەپ ئالغاندىن كېيىنكى مىللىي سىياسىتىدە قانداق بىر ئۆزگىرىش بولدى؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ قانداق بىر خەلقئارالىق ئىستراتېگىيىسى پىلانى بار. بۇلارنىڭ غەرىزى زادى نېمە؟ بىز ئۇيغۇرلار ھازىر قانداق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە توختالماقچى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا، ھازىر بىزنىڭ مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي بىر ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكچى.
مۇخبىر: ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ياپونىيەدىكى تۈرلۈك پارتىيىلەر يەنى ياپونىيەدىكى ئوڭچىلار، مىللەتچىلەر ۋە شۇنداقلا سولچىلار قاتارلىق بىر قانچىلىغان پارتىيىلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھەمدە شۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ۋە شۇلارنىڭ مەسلەكلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئوڭچىلار ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلىرىدە ئوڭچىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسى گەۋدىلەنگەن ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. سولچىلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق شۇنداقلا بىر قىسىم تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرمۇ بۇ ئۇسۇللار بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ يېزىۋاتقان ماقالىڭىز يەنى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىڭىز، قايسى تەرەپنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
تۇرمۇھەممەت: مېنىڭ بۇ ماقالىلىرىم ھېچقانداق بىر پارتىيىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىلغان ئەمەس. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىلغان. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇيغۇرلار نېمە ئىشلارنى قىلىپ كەلدۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىمىز؟ دېگەن پىكىرنى مەن ياپونلۇقلارغا بىلدۈرمەكچى. مەيلى ئۇ ئوڭچى بولسۇن، مەيلى ئۇ سولچى بولسۇن، ياكى تىنچلىقپەرۋەر بولسۇن ۋەياكى باشقا بىر ئىدىيىدە بولسۇن، ھەتتا دىندار ياكى دىنسىز بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياپونلۇققا، مېنىڭ ماقالەمنى ئوقۇسا ئۇيغۇرلار مۇنداق بىر تارىخقا ئىگە ئىكەن، بۇلار مۇشۇنداق بىر شارائىتتا شەكىللىنىپتىكەن، بۇلار خىتايدىن ئۆز دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئىشلارنى قىلىپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق ئىشلارنى، مۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى دېگەن نەرسىنى تونۇشتۇرماقچى.
مۇخبىر:مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىزنىڭ ماقالىڭىزنى سىياسىي تەتقىقات ماقالىسى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟
تۇرمۇھەممەت: مېنىڭ ماقالىلىرىم ئۆزۈم ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىپ كەلگەن بىر نەسىللەرنىڭ يەكۈنى. بۇنى تەتقىقات دېسەكمۇ بولىدۇ ھەم ھەرخىل مەنبەلەردىن پايدىلانغان، ئۆزۈم يەكۈنلەپ چىققان نەرسىلەر بولار.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.