2014.04.30

zhurnalist-kaori-rabiye.jpgژۇرنالىست كائورى خانىم د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2013-يىلى ئىيۇن، ياپونىيە.

ياپونىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ۋىلل ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ژۇرنالىست كائورى خانىمنىڭ «خىتاي تېررور ئويۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ ئۆزى ئويناۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە 2013-يىلىدىن باشلاپ 2014-يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا توختالغان.

ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ھازىر زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ژۇرنالىست كائورىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ئۇچرىغان بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ باشقىچە بولغان قوراللىق باستۇرۇش سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىسال سۈپىتىدە 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرقاتار ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئۈچ يۈزدىن ئوشۇقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ پەقەتلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا بۇ خىل ۋەقەلەرنى يوشۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا باشقىچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئاپتور، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئۆزىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى بىر قانچە شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىۋاتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا «لۈكچۈن ۋەقەسى»دەك بىر قانچىلىغان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن يىراق بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قانچىلىغان غەلىتە ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەلەرگە دائىر ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا دېيىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىگە سىرلىق تۇيۇلۇۋاتقان ۋەقەلەردىن، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شۇنداقلا بۇ يىل 1-مارت كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق بىلەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇنداقلا تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ياپون پۇقرالىرىنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ نەق مەيداندا يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كائورى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىن يىراق بولغان بېيجىڭ، كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋەقە» دەپ ئاتاپ ئادەتتىكى خەۋەرلەر قاتارىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلغانلىقى، ھەر ئىككى ۋەقەدە بولسا ھۇجۇم ئاساسلىقى پۇقرالارغا قارىتىلغانلىقى، ئەمما ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ھۇجۇم نىشانى پەقەتلا ساقچىلارغا قارىتىلغانلىقى ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ، كۇنمىڭدىكى «تېررورلۇق ۋەقە» دەپ ئاتالغان ۋەقەلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تولىمۇ ھالقىلىق بولغان سىياسىي يىغىنلىرىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر قاتار گۇمانلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشقا ئەلۋەتتە ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان بەزى بىر كۆزەتكۈچىلەر بېيجىڭ، كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ھەر ئىككى ۋەقە توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىكى غەلىتىلىك ۋە سىرلىق تەرەپلەر كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى تېرروردىن ئىبارەت بۇ ئويۇننى ئۆزى ئويدۇرۇپ ئۆزى ئويناۋاتىدۇ» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە «بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ھۆكۈمەت پەقەتلا ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان بايراق بارلىقىنى، كۇنمىڭدىكى ۋەقەدە بولسا ھۇجۇمچىلارنىڭ پىچاق، قىڭراق كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھەر ئىككىلا ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك ئاپپاراتىغا ئېلىنغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئىسپات سۈپىتىدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىغان. بۇ تولىمۇ گۇمانلىق» دېيىلگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭدىكى پارتلاشتا ئاپتوموبىلدىن تېپىلغان بايراقتىكى خەتنىڭ ئۇيغۇرچە خەت ئەمەسلىكى، كۇنمىڭ ۋەقەسىدىكى پىچاق، قىڭراقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە تۇرمۇشىدا قوللىنىدىغان بۇ خىلدىكى بۇيۇملاردىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست كائورى خانىم بېيجىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى گۇمانىي قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-تيەنئەنمېندەك قوغدىغۇچىلىرى شۇنچە كۆپ بولغان جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ باكلارغا ماي قاچىلاپ ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىشىنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن.

ماقالىدە ھەتتا بەزىلەرنىڭ، كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ۋە ياكى خىتايدىكى قارا جەمئىيەت گۇرۇھىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بەزى بىر سىياسىي مۇددىئالىرىغا يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىققا يېقىنلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلغان. كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى بايان قىلغان ژۇرنالىست كائورى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە ئادەمنىڭ شۇنچە كوپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئىلغار زامانىۋى ئۇرۇش قوراللىرى ئەمەس، پەقەتلا پىچاق ۋە قىڭراق. كۇنمىڭ ۋەقەسى تولىمۇ گۇمانلىق ۋەقە.

ياپونىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولغان. ئۇ، 2013-يىلى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توكيو، ئوساكا، ھوككايدو، ئوكىناۋا قاتارلىق جايلاردا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئۇندىن باشقا، كائورى خانىم ھازىر ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا نۆۋەتتە تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.