2014.04.28

turmemet-hashim-wyetnam-elchixana.jpgدوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىدا ۋىيېتنام چېگراسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە قاتناشتى. 2014-يىلى 25-ئاپرېل، توكيو.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى توكيودىكى ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىدا يېقىندا ۋىيېتنام چېگراسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر سۆھبەتكە ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر فوندىنىڭ ياپونىيە تارماق شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان. سۆھبەت ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپى لې خۈيخۇاڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا باشلىنىپ تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا بۇ قېتىمقى پائالىيەت بۇ يىل 3-ئايدا ياپونىيەدە قۇرۇلغان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. بىز مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندىم، سىز توكيودىكى ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ۋىيېتنام چېگراسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپسىز. مۇشۇ پائالىيىتىڭىز ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

تۇرمۇھەممەت: رەھمەت، مەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىم بىلەن، ۋىيېتنامنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋىيېتنام-خىتاي چېگراسىدا ۋىيېتنام تەرەپتىن تۇتۇلۇپ ۋە نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بەش قېرىندىشىمىز ۋە شۇ جەرياندا يارىلانغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشى توغرىلىق باش ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم.

مۇخبىر: سۆھبەتتە ئاساسەن قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتىڭلار؟

تۇرمۇھەممەت: بۇ قېتىمقى ۋەقە ناھايىتى تاسادىپىي يۈز بېرىپتۇ. بۇ بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە. مۇشۇ سەۋەبتىن بىز ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىغا ھېچقانداق ئالدىن ئالاقىسىز بېرىپ ئەلچىخانىنىڭ خادىملىرىغا باش ئەلچى بىلەن كۆرۈش توغرىلىق ئىلتىماس قىلدۇق. دەسلەپتە ئۇلار بىزنىڭ تەكلىپىمىزنى رەت قىلدى. چۈنكى، سىلەر ئالدىن ئاۋۋال بىزگە ئۇقتۇرۇش قىلماپسىزلەر، ئۆز ئالدىڭلارغا كەپسىلەر، بىز سىلەرنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى. بىز ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ قېتىم ۋىيېتنام تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ۋە نەق مەيداندا ئۆزلىرى بىر سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆلتۈرگەن بەش قېرىندىشىمىز ۋە تۇتۇلۇپ يارىلانغان قېرىنداشلىرىمىز توغرىلىق بىر مەلۇمات ئىگىلەش، ئاندىن كېيىن مۇشۇ مەسىلىنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا بولغان بىزنىڭ نارازىلىقىمىز ۋە ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىگە بولغان بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى، سەمىمىي بىر سۆھبەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىمىزنى بايان قىلدۇق. بىز يەنى ئۇيغۇر، تۈرك، مالايشىيا، ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ يەتتىمىز بارغانتۇق. ئۇلار بىزنى كۆرۈپ سىلەرنىڭ سانىڭلار بەك جىقكەن، سىنئالغۇ، سۆرەت ئاپپاراتلىرىنى بۇ يەردە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئىككى ۋەكىل كۆرسىتىڭلار، ئىككىلا ئادەمنى قوبۇل قىلىمىز-دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە بىزنىڭ بىر تۈرك دوستىمىز ئىككىمىز كىردۇق. ئەلچىخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىزنى كۈتۈۋالغان كىشى باش ئەلچىنىڭ مەخسۇس كاتىپى، ئەلچىخانىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپى ئىكەن. چىرايلىق ئولتۇردۇق چاي قۇيدى. چاي ئىچكەش بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى مەن ئوتتۇرىغا قويدۇم.

مۇخبىر: سىز سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟

تۇرمۇھەممەت: مەن ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پاجىئەگە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نارازى بولغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە قانداق بىر شارائىتتا ناھايىتى قاتتىق بىر بېسىم ئىچىدە، سىياسىي بېسىم، دىنىي بېسىم ۋە ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى بېسىملارنى چۈشەندۈردۈم. يەنە بىرى، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋىيېتنامنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقاتتۇق. ئۆزىمىزنىڭ جېنىمىزنى قاچۇراتتۇق. لېكىن خىتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىنى قۇرغاندىن كېيىن بىزنىڭ بۇ يولىمىزنى توسۇۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئەمدى ۋەتەننى تەرك قىلىش جەريانىدا ئاساسەن جەنۇب تەرەپنى تاللايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىرى ۋىيېتنام بولدى، دەپ بۇنى چۈشەندۈردۈم. ئاندىن كېيىن ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ۋىيېتنامنىڭ ئەسلىدە خىتايغا بۇنداق يان باسماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋىيېتنامنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ماڭا ۋىيېتنام تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا بەرگەن مەلۇماتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇخبىر: ۋىيېتنام ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى سىزگە ۋىيېتنام مەتبۇئاتلىرىدا بولۇۋاتقان بۇ ھەققىدىكى مۇنازىرە ۋە ئىنكاسلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلاتتى؟

تۇرمۇھەممەت: بۇ ئەپەندى مۇنداق بىر مۇنازىرە ھەققىدە توختالمىدى. ئۇ، پەقەتلا ۋىيېتنام ھۆكۈمەت تەرەپ مۇشۇ مەتبۇئاتقا بەرگەن خەۋەرنىلا ماڭا بىر قېتىم سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇ خىتايلار بىزنىڭ چېگرىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ، بىز ئۇلارنى قايتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىزنىڭ ئەسكىرىمىزنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىپ ئەسكىرىمىزدىن ئىككىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ۋىيېتنام تەرەپ بۇلارغا ئوق چىقىرىپ بەشىنى ئۆلتۈردى. قالغانلىرىنى يارىدار قىلدى. بۇ خىتايلارنىڭ بىزنىڭ چېگرىمىزدىن كىرىشى پۈتۈنلەي قانۇنسىز دەپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى. ئاندىن كېيىن سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇ، بۈگۈن بولغان سۆھبەتنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى باش ئەلچىگە ۋە باش ئەلچى ئارقىلىق ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا ۋەدە بەردى. بىزنىڭ سۆھبىتىمىز سەمىمىي بىر جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ۋىيېتنام ئەلچىخانىسى سىز قويغان تەلەپلەر ھەققىدە سىزگە بىر تولۇق جاۋاب بېرىدۇ، دەپ قارامسىز؟

تۇرمۇھەممەت: ئەلۋەتتە. خۇاڭ ئەپەندى بىلەن مەن سىرتقا چىققاندىن كېيىن چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خوشلاشتۇق، مەن «سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن، ئېھتىمال بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن سىز بىلەن قايتا ئالاقە قىلىمەن» دېسەم، ئۇمۇ مېنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ، «بولىدۇ، ئەپەندىم، چوقۇم يەنە بىر كۆرۈشەيلى، كېلىڭ بىز سىزنى قارشى ئالىمىز» دېدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.