2014.04.21

shinzo-abe-yaponiye-uyghur.jpgشىزو ئابې ئەپەندى سايلام پائالىيتى ئۈستىدە

4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ياپونىيە كاگوشىما ئۆلكىسى تانىياما رايونىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش سايلام پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆزىگە يوللىغان مەكتۇبىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ياپونىيە كاگوشىما ئۆلكىسى تانىياما رايونىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش سايلام تەييارلىقىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىلىشىغا قاتناشقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى يىغىلىشقا قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ قەدەم تەشىرىپ قىلغان كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىپ مەيداندىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقاندا، يول بويىدىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ: «باش ۋەزىر، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىڭ!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەرھال قەدىمىنى بۇراپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ يەرگە توپلانغانلار يەنە بىردەك:«باش ۋەزىر! بۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىزگە يوللىغان مەكتۇبى. باش ۋەزىر! ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!» دېگەندەك سادالار بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەكتۇبىنى شىنزو ئابېغا ئۇزاتتى. ئابې خوشاللىق بىلەن مەكتۇبنى قولىغا ئېلىپ كۆپچىلىككە تەشەككۈر ئېيتتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بۇ كىشىلەر ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر، ياپون مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلار بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن نورىكو خانىم بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ مەكتۇبنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. مەن يېقىن كەلگۈسىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بىز مەزكۇر مەكتۇب ھەققىدە تولۇق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئابېگە يوللانغان مەكتۇبىنىڭ پەقەتلا قىسمەن تەرەپلىرى ئۈستىدىلا توختىلىپ، تەپسىلىي مەزمۇنىدىن سۆز ئاچمىدى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەكتۇبنى يوللىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– ياپونىيە ئاسىيادىكى قۇدىرەتلىك دېموكراتىك بىر دۆلەت ھەم ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر مۇھەببىتى بار. ياپون خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. خىتاي بىلەن كۆپ سودا مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنزو ئابې ئەپەندىمدىن مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن ئاسىيانىڭ ئىچىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قولغا ئېلىشى لازىملىقىنى، بىز بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا يەتكۈزەلمەيۋاتقان ئاۋازىمىزغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلدىم. مەن شىنزو ئابې ئەپەندىمنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە ياپون خەلقىنى ياردەمگە چاقىردىم. مەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر خەلقىگە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ياردەم قىلىشى، سەرگەردانلارنىڭ بېشىنى سېلىشى، ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان، تۈرمىلەردە ئۆلۈۋاتقانلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشى ھەققىدە ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلارنى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتقان، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ۋە قوراللىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشقا چاقىردىم.

زىيارىتىمىز جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم بىزنىڭ:«سىز، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىگە ئىشىنەمسىز؟» دېگەن سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

– ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن. چۈنكى شىنزو ئابې ئەپەندى، بىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ھەم ياپونىيەدە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ھىمايىسىدە قۇرۇلدى. ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە خەلقى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بىزنىڭ مەسىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. يەنىلا ئاسىيادىكى بىر كۈچلۈك دۆلەت بولغان ياپونىيەنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزگە خۇددى تۈركىيەگە ئوخشاش، ئامېرىكىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن.

ياپونىيىدە تونۇلغان سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېجىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باش ۋەزىر شىنزو ئابېغا مەكتۇب يوللىشى، ئىككىنچى قېتىملىق بولۇپ، ئىلگىرى 2012 – يىلى 10 – ئايدا ئابې ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تەبرىكنامە يوللىغان شۇنداقلا 2006 – يىلى 11 – ئايدا رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەگە تۇنجى قېتىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات سۆزلەشكە كەلگەندە شىنزو ئابې رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەردە بولغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.