2014.04.17

germaniye-5-iyul-pilan.jpg5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. 2014-يىلى 16-ئاپرېل، ميۇنخېن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 16-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ مۇزاكىرە يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇرېشىت تۇردىيېف، ئىلھام ماھمۇت، ئۈمىد ئاگايى، ئەسقەر جان، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، باياناتچىلىرى ئالىم سېيىتوف ۋە دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر، د ئۇ ق نىڭ بەزى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگىلى 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكلىپ پىكىرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى قاتناشقان تېلېفون يىغىنىدا بېكىتىلگەندىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.