2014.04.16

professir-seiji-rabiye.JPGپروفېسسور دوكتور سېئىجى ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2009-يىلى، ياپونىيە.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى سېئىجى ئەپەندى گېرمانىيەدە چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر» ناملىق يىغىنغا سوۋغا ۋە تەبرىك خېتى يوللاپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور، دوكتور سېئىجى ئۆزى باشچىلىقىدا نەشرگە تەييارلىنىپ ئىنگلىزچە، ياپونچە ئىككى خىل تىلدا كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غايىب مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى» ناملىق 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر ھۆججەتلىك يازما دوكلاتتىن 70 پارچىنى، گېرمانىيەدە چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر» ناملىق يىغىن ئەھلىگە سوۋغا سۈپىتىدە تەييارلاپ، ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىشخانىسىغا پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور سېئىجى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىز بۇ قېتىم ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە 2013-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان دوكلاتنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلدۇق. دوكلاتتىكى غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بېرىلگەن غايىبلارنىڭ سۈرىتى، كىملىكى قاتارلىق ئىسپاتلار دوكلاتنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە يوشۇرغان مەخپىيەتلىكلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا ۋە غايىبلار مەسىلىسىگە كۆپرەك كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارايمەن.

پروفېسسور سېئىجى سۆزىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغانلار ئائىلىسىنىڭ خىتايدا بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇلارغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىگە چىقىپ غايىبلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور سېجى ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى، تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا يېقىندا كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىپ مەزكۇر ۋەقەلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىلا، بۇ ۋەقەلەردىن توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ كەملىكىنى ئىلگىرى سۈردى

پروفېسسور سېئىجى ئىسپانىيە خەلقئارا سوتىغا خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن بېرىلىۋاتقان ئەرزلەر قاتارىدىن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرگە دائىر ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ھەرىكەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ميۇنخېندىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا تەبرىك خېتى يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور سېئىجى تەبرىك خېتىدە 5-ئىيۇل غايىبلىرى، تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە دۇنياغا سىر بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى نېلسون ماندىلانىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى باغلانغان زەنجىرلەرنى چېقىشلا ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق يولىدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئەركىنلىككە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى سېئىجى تەبرىك خېتىدە ئۆزىنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پروفېسسور سېئىجى 2009-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا توكيو، كيوتو، ئوساكا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ياپونىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېئىجى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، 2008-يىلى 10-ئايدا كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن.

پروفېسسور سېئىجىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياپون خەلقىگە تونۇشتۇرۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارغا قىلچە پەرۋا قىلمىغان. مۇتەخەسسىس سېئىجى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىتايغا بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.