2014.04.10

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا «غايىب مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى» ناملىق يازما دوكلات نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلات 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارغا ئائىت يازما دوكلات بولۇپ، دوكلات ئەسلىدە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھازىرلىغان خەۋەرلەر ئاساسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2013-يىلى 7-ئايدا تەييارلانغان «5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار» دېگەن چوڭ ھەجىملىك يازما دوكلات ئاساسىدا ياپونچە، ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغانلاردىن 30 نەچچە كىشىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرى بېرىلگەن. دوكلاتتا يەنە غايىب بولغانلار مەسىلىسىگە دائىر خەلقئارا قانۇنلاردا دېيىلگەن بەزى بەلگىلىمىلەرمۇ كۆرسىتىلگەن.
ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، كۇتۇپخانا، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە ۋە خىتاي قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى مەزكۇر مەكتەپ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئالىي مەكتەپلەرگە ۋە شۇنداقلا ئاۋمېن، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق رايونلاردىكى خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىگە تارقىتىلىدىغان ژۇرنال بولۇپ، يىلدا پەقەتلا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر دوكلات ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور سېئىجى باشچىلىقىدا نەشرگە تەييارلانغان.
دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىغا پروفېسسور دوكتور سېئىجىنىڭ سۆزى بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى چەككەن، كەلگۈسىدىكى ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە تولىمۇ مۇھىم دەپ قارالغان 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇر، خىتاي مىللەتلىرىنىڭ ئائىلىسى بەلكىم ھازىرغىچە ئازاب ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۇلارنى ئەسلىمەكتە. ئەمما ھازىرغىچە، ۋەقەنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىزگە بىرئاز مەلۇم بولغىنى بىلەن ئىچكى قىسمى تېخىچە نامەلۇم. بىز مۇشۇنداق ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا ئويلىمىغان يەردىن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاي تەرەپ ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ بەش كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى شۇنداقلا «تېررورلۇق ۋەقە» دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ چەتئەلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، رويتېرس ئاگېنتلىقى بولسا 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ۋەقە توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ۋەقەدە خەلقئاراغا ئېنىق بولمىغان تەرەپلەر تولىمۇ كۆپ ئىدى» دېيىلگەن.
پروفېسسور دوكتور سېئىجى كىرىش سۆزىدە يەنە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان دوكلاتلىرىدا تۈپتىن ئوخشىماسلىق ۋە كۆپ پەرقلەر بولغانلىقى سەۋەبىدىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋە ۋەقە توغرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىرىش سۆزنىڭ ئاخىرىدا پروفېسسور سېئىجى ئۆزلىرىنى قىممەتلىك ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەتراپلىق نەشر قىلىنىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تەتقىقات گۇرۇپپىسى نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور سېئىجى 21-ئەسىردىمۇ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى نېمىس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلاردەك ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئۆزى ئىنسان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان پاجىئە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەگە ئائىت دەلىللەر ھازىرلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور سېئىجى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ۋەتەن ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چەتئەلدە بۇ خىل ھۆججەتلىك يازما دوكلات قىلىپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىسپانىيەدىكى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىنىۋاتقان، تىبەتلەرنى باستۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن قاتارلىقلار ئۈستىدىن بېرىلگەن ئەرزگە ئوخشاش 5-ئىيۇل ئۇيغۇر غايىبلىرى مەسىلىسىدە ئەلۋەتتە تىبەتلەرنىڭ ئەرز قىلىش يولى بويىچە بۇ مەسىلىسىنى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
سېئىجى سۆزىدە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى غايىبلار مەسىلىسىدە بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىدە خەلقئارا قانۇن-نىزاملاردىن ئەتراپلىق پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئۈچۈن خەلقئارا سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا دۇنيادا ھەققانىيەت قانۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى سېئىجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانىدىمۇ «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك دوكلاتمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ،مەزكۇر ژۇرنال شۇ يىلى 5-ئايدا توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدىمۇ كەڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا، 2010-يىللىق سانىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇنتۇماڭ» ناملىق ماقالە ۋە شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە دائىر «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئورنى» ماۋزۇلۇق ماقالىمۇ ئېلان قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، پروفېسسور دوكتور سېئىجى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان ھوسۇللۇق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە ياپون ۋە ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بىلەن ياۋروپا، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىسىدا چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي دوكلات يېزىپ چىقىشنى دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.