2014.04.04

germaniye-duq-kursigha-qatnashqan-uyghurlar.jpgد ئۇ ق ميۇنخېندا ئاچىدىغان خەلقئارالىق يىغىننىڭ تەييارلىق كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ئىنسانىيەتكە قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر: ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش بولۇپ تەشكىللىگەن بۇ يىغىن 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 16 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان. يىغىنغا باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

د ئۇ ق 2007 – يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق تەربىيىلەش» كۇرسى ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلاردا داۋام قىلىپ كەلمەكتە، بەزى پروگراممىلار تەربىيىلەش كۇرسى شەكلىدە، بەزى پروگراممىلار بولسا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

د ئۇ ق 8 – قېتىملىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنى، «ئىنسانىيەتكە قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر: ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن شەكلىدە ئاچماقچى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ يىغىنغا مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ تېمىنى تاللاشتىكى سەۋەب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 65 يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھەق – ھوقۇقلىرى كۈندىن – كۈنگە ئېغىر دەرىجىدە تالان – تاراج قىلىنىپ كەلدى. بولۇپمۇ 2009 – يىلىدىكى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق قىلىش سىياسىتى ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.

5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن 5 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا خالىغانچە، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، سوراق – سوئالسىز ئېتىپ تاشلاش، قاتتىق قوللۇق بىلەن قوراللىق كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى شىددەت بىلەن ئېلىپ باردى. «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيان مىڭلىغان كىشىلەر ئىز – دېرەكسىز غايىب بولدى، نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىندى، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، يىغىلىشلار قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى، نەچچە يۈزلىگەن كىشى سوئال – سوراقسىز ئېتىپ تاشلاندى. ھەتتا چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسە، يەنە بەزىلىرى ھازىرغىچە خىتاي زىندانلىرىدا ياتماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، خەلقئارا تەشكىلات ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن مۇتلەق كوپ قىسىم رېئاللىق دۇنياغا ئاشكارىلانمىدى.

د ئۇ ق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم بىر مەسىلە قاتارىدا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ۋە بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن، مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە قارارلار قوبۇل قىلىنغان ھالەتكە يىتىپ كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، د ئۇ ق نى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارادا قارىلاش، يولىنى توسۇش ۋە ھەتتا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارادا زور تەسىرگە ۋە ھېسداشلىققا ئېرىشكەن بىر داۋا ھالىتىگە يەتتى. يەنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى ئاڭلىتىش باسقۇچىنى ئاساسەن غەلىبىلىك تاماملىدى. ئەمدى بۇندىن كېيىنكى باسقۇچ، مەسىلىلەرنى، پاجىئەلەرنى پاكىت، ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاش، تەلەپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە چارە – تەدبىر قوللىنىش باسقۇچىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، سىياسەتچىلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىك مەسىلىلەردىن ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغانلار، بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانلار ۋە قانۇنسىز، سوراق سوئالسىز ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە دائىر مەسىلىلەرنى ئاساسى تېما قىلغان ھالدا مۇھاكىمە، ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەييارلانغان دوكلاتلار، پاكىتلار، دەلىل – ئىسپاتلار تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە چارە – تەدبىر ھەققىدە بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى تاللىدۇق.

ئۆتكەن 7 قېتىملىق كۇرس قايسى دۆلەتلەردە چاقىرىلدى

د ئۇ ق، ئۆتكەن 8 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردەم قىلىشى بىلەن، 2007 – يىلى 5 – ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە، 2008 – يىلى 4 – ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009 – يىلى 5 – ئايدا ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، 2010 – يىلى 4 – ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا، 2011 – يىلى 3 – ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ 3 شەھىرىدە، 2012 – يىلى 5 – ئايدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ۋە 2013 – يىلى 3 – ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، ب د ت نىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق يىغىن ۋە ھەر خىل تېمىلاردا تەربىيىلەش كۇرسلىرى ئېچىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، خەلقئارانىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.»

گېرمانىيەدە چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن بۇرۇن د ئۇ ق غا يازما شەكىلدە ميۇنخېنغا كېلىش ۋاقتىنى بىلدۈرسە بولىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ بەزى مۇھىم مۇزاكىرىلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدىكەن.