2014.02.12

يېقىندا ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا كىشىلەر «غايىب مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى» ناملىق يازما دوكلاتنى جىددىي نەشرگە تەييارلاۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارغا ئائىت يازما دوكلات ئىكەن.
ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور دوكتور سېئىجى ئەپەندىنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم پروفېسسورلار ۋە خەلقئارا قانۇنشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھازىرلىغان خەۋەرلەر ئاساسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2013-يىلى 7-ئايدا تەييارلانغان «5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار» دېگەن چوڭ ھەجىملىك يازما دوكلاتتىن پايدىلىنىپ، ياپونچە، ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا دوكلات تەييارلاپ، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا مەخسۇس ھۆججەتلىك ماتېرىيال شەكلىدە تولۇق ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان. ئۇلار شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇنى-نىزاملار ئارقىلىق 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغانلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى،مەزكۇر ھۆججەتلىك ماتېرىيالنىڭ 3-ئايدا بېسىلىپ نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور دوكتور سېئىجى ئەپەندى، ياپونىيەلىكلەر ئەينى ۋاقىتتا شىمالىي كورېيەگە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغانلار مەسىلىسىدە قانداق ئازابلانغان بولسا، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچى ياشلارنى قاتتىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق ئېچىنىشلىق ئازاب ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى، غايىبلار ئائىلىسىنىڭ ئازابلىق ھېسسىياتىنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چۈشىنىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن غايىبلار ئائىلىسى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىشىنى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سېئىجى ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ؛«شىمالىي كورېيەگە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغانلار مەسىلىسىنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىلىرىگە ئاساسەن شىمالىي كورېيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب بولغانلار مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە يۈز بەرگەن مەسىلە. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتىگە موھتاج. ئەمما، خىتاي دۆلىتى بۇ سەمىمىيەتلىكنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق خەلقئارالىشىشىنى ئويلاپ بۇ يازما ھۆججەتلىك ماتېرىيالنى تەييارلاش ۋە ئېلان قىلىشنى ئويلاشتىم» دېدى.
پروفېسسور دوكتور سېئىجى ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتىدىغان بەزى ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرى ھەققىدە توختىلىپ «5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ خىتايدا قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئادالەت بولمىغان دۆلەتتە تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېدى.
پروفېسسور سېئىجى ئەپەندى «سىلەر، ھۆججەتلىك بۇ يازما دوكلات نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە بۇ ھەقتە ئەرز سۇنۇش ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سوتلىشىشنى ئويلىشىۋاتامسىلەر» دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-مەن بۈگۈنكى گېزىتتە كۆردۈم. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ ئىسپانىيە سوتىنىڭ بۇلتۇر 12-ئاي مەزگىلىدە چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن، لى پىڭ، چياۋ شى شۇنداشلا تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق باشلىقلىرىدىن چىن كۇييۇەن، پىڭ پېييۇن قاتارلىق بەش كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى. مەن ئۇيغۇر غايىبلار ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى ئىسپانىيەدىكى بىز بىلەن مەسلەكداش دوستلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىرلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتىنى تىبەتلەرنىڭ ئەرز ئۇسۇلى شەكلى بىلەن ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىمىز.
بىز يەنە پروفېسسور سېئىجى ئەپەندىدىن، 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قىرغىنچىلىقى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر» ماۋزۇلۇق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئۆزى باشلىق مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قاتنىشىش - قاتناشماسلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئەلۋەتتە قاتنىشىش ئويىمىز بار، لېكىن ۋاقتىمىز بەك قىس بولغانلىقتىن، ئېنىق بىر ۋەدە بېرەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ مەن چوقۇم قاتنىشىشقا تىرىشىمەن.
ئاخىرىدا سېئىجى ئەپەندى مەزكۇر يازما دوكلاتنى تەييارلاشقا گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىشخانىسى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور سېئىجى ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغانلاردىن بىرى. ئۇ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا مەخسۇس شۇ يىلى 10-ئايدا لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلغان ۋە ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت لېكسىيە سۆزلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ، بۇ جەريانلاردا توكيودىكى، ئوساكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىملىرىغا، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىغا پەرۋا قىلماي، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملىغان. ئۇنىڭ كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشى ۋە تۈرتكىسى بىلەن 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىك كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدىن ئورۇن ئالغان.