2014.02.07

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىن سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى
6-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تىلاۋەتچىلەر ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك زىياپەتتە سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. باراك ئوباما سۆزىدە خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دىكتاتور ئەللەرنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە بۇ ئەللەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى.
ئوباما سۆزىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىردى.
ئوباما مۇنداق دېدى: مەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆز تېرىتورىيەسىدكى خەلقلەرنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرىلەندى
بۇ يىل 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 17 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەزكۇر ۋەقەنى ئەسلەش ۋە شۇ كۈندىكى باستۇرۇشقا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتلەر خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش، يىغىلىش قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سۆھبەت يىغىنلىرى شەكىللىرىدە داۋام قىلدى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 5-فېۋرال ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشىنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەشكىللىدى. نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.
بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر يەنە بارلىق ياۋروپا ئەللىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا يەنە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تۇتۇپ كېتىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىلھام توختى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تىلغان ئېلىندى ۋە ئۇلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىندى.
«غەمخور ئالىملار كومىتېتى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى
باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «غەمخور ئالىملا كومىتېتى» ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى.
«غەمخور ئالىملار كومىتېتى» تۈرمىگە تاشلانغان ياكى سىياسىي سەۋەب بىلەن پىكىر ۋە تەتقىقات ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئالىملارنىڭ ھوقۇقىغا كۆڭۈل بولىدىغان ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى.
مەزكۇر تەشكىلات خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارىتا يازغان ئوچۇق خېتىنى 27-يانۋار ئېلان قىلدى.
خەتتە مۇنداق دېيىلدى: بىز سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشىڭىزنى، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئاشكارا چۈشەندۈرۈش بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.
ئىلھام توختى 15- يانۋار تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ باقمىغان ئىدى.
ئاقسۇ قاراتالدىكى خىتايپەرەس سېكرېتار جۈمە توختىنىياز پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن
ئاقسۇنىڭ قاراتال يېزىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق يۈرگۈزگەن بىر سېكرېتار پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ۋەقە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قاراتالنىڭ غالدىر كەنتىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە خىتايپەرەس سېكرېتار جۈمە توختىنىياز ئىككى گۇماندار تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە توختىنىياز كەنت ئاھالىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى زوراۋانلىقى ۋە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىقى سەۋەبلىك يۇرت-جامائەتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان سېكرېتار ئىكەن.
ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ تۈرمە ھاياتى 6-يىلىغا قەدەم قويدى
ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھار تۈرمىگە تاشلىنىپ 6 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ دېلوسى تۇنجى قېتىم تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ئوغلىنىڭ ھەسرىتىدە يۈرىكى پارە-پارە بولغان مەريەمخان يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئىچ ئاغرىقىغا چىدىمىغان ئېرىنىڭ ۋاقىتسىز قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەريەمخان مۇنداق دېدى: ئوغلىمىز نىياز 2009-يىلى تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ ئارامى بۇزۇلدى. يولدىشىمنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىن كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئۆتكەن يىلى تۈگەپ كەتتى. نىياز بالام تېخى دادىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
نىياز قاھار «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ 2009 «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 13 يىللىق كېسىلگەن.
دائىرىلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغاندىن كېيىن ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
5-فېۋرال ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېلوسى ھەققىدە چاغاندىن كېيىن ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 19-يانۋاردىن بۇيان ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ناھايىتى تەستە بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەن.
ھالبۇكى، ئابدۇۋەلىنىڭ ئاكىسى شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ئۇكىسىنىڭ قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن يۈز كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى دائىرىلەردىن ئاخىرقى قېتىم سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇلار ئابدۇۋەلى دېلوسىنىڭ قەشقەرگە چۈشۈرۈلۈپ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، چاغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئائىلىسىگە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇستەقىل مائارىپچى ۋە ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ئىدى.