2014.01.08

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇنىڭ، باش ۋەزىر شىنزو ئابې بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئېلىنماسلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇقى ۋە شىجائىتى بىلەن ئىككىلەنمەستىن خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ نامايىشچى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن قوراللىق باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ دۇنياغا جاكارلىغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بولسا 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ توكيودىكى شۆبىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ياپونىيەگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەتتە بولغان ياپونىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى.
شىنزو ئابې شۇنداقلا 2008-يىلى5-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيەگە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئەتىگەنلىك ناشتىدىكى سۆھبىتىدە خىتاي تۈرمىسىگە ئون نەچچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، تارىخىي پەنلىرى دوكتورى توختى مۇزارتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئابې شۇنداقلا ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپتىن-كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياپونىيە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بېيجىڭنىڭ ئىزچىل چىشىغا تېگىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ مانا ئەمدىلىكتە توكيودا ئۇچرىشىشى ۋە بۇ جەرياندىكى سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار ۋە ياكى يوقلۇقى توغرىسىدا ياپونىيە،تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۇنتۇمايلى» ناملىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى سېئىجى نىشىخارا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان رەھبەرلەر. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دادىللىق بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىشىنىمەنكى، باش ۋەزىر شىزو ئابې بۇنى قوللايدۇ ۋە قوللاش تەرەپدارى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىكى سۆھبەتلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
بىز ئاخىرىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 7-يانۋار توكيودىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە بەرگەن بىر سائەتلىك دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا تۈركىيە-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.