شەھەر پۇقرالىرىنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرىۋاتقان ساقچىلار. ئۈرۈمچى. 2017-يىلى ئىيۇل.

مەركىزى ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو شەھىرىدىكى «لۇكئاۇت» ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتى 1-ئىيۇن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور، ئەقلىيفون ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە جاسۇسلۇق يۇمتالى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەقىپلەش ھەرىكىتى 2013-يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا، «بۇ ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئەڭ ياخشى تونۇيدىغان ئەقلىيفوننى ئىشلىتىپ، سانلىق مەلۇمات يىغىش يولىدىكى مەۋھۇم ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلار بۇنىڭدا 8 خىل يامان غەرەزلىك يۇمتالنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ «شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئاندىروىد تېلېفونلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ بۇرۇن ئويلىغاندىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.» دوكلاتتا «خاككېرلار قۇراشتۇرغان جاسۇسلۇق يۇمتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا تاختىلىرىغا يوشۇرۇنىدىغانلىقى ۋە 3-تەرەپ تور بېكەتلىرىدىكى نورمال يۇمتاللاردەك قىياپەتكە كىرىۋالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بەزى يۇمتاللار يىراقتىن تېلېفون مىكروفونىنى ئاچالايدىكەن ۋە تېلېفوندىكى پاراڭنى خاتىرىلەيدىكەن ياكى تېلېفوندىكى رەسىم، تېلېفوننىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭدىكى يازما سۆھبەتلەرنى ئېكسپورت قىلالايدىكەن. دوكلاتتا يەنە يۇمتاللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى خەۋەر، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان گۈزەللىك مەسلىھەتى، «قۇرئان-كەرىم» گە ئوخشاش دىنىي تېكىستلەر ۋە يېڭى قولغا ئېلىنغان دىنىي زاتلارغا دائىر پروگراممىلارنىڭ يۇمتاللىرىغا كىرىۋالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «لۇكئاۇت» شىركىتىنىڭ ئىستىخبارات ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقاتى دىرېكتورى كرىستوف خېبېيسېننىڭ كۆرسىتىچە، بۇ ناھايىتى زور كۆلەملىك ھەرىكەت ئىكەن.

ئۇ 1-ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز 2012-يىلى ۋە 2013-يىللىرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان زور كۆلەملىك بىر ھەرىكەتنى بايقىدۇق. بۇنىڭدا بىز 2015 ۋە 2016-يىللىرىدا ھەرىكەت پېكسىلىنىڭ قېتىم سانى ناھايىتى زورايغانلىقىنى كۆردۇق. بۇنىڭغا چېتىشلىق بىزگە مەلۇم بولغان 8 يامان غەرەزلىك يۇمتال ئائىلىسى بار. بۇلارنىڭ تۆتى بۇرۇن مەلۇم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرغىچە بىرەر كونكرېت ھەرىكەتكە باغلانمىغان ئىدى. قالغان 4 يۇمتال ئائىلىسى پۈتۈنلەي يېڭى بايقالدى. بۇلار بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ باقمىغان. بىز تەتقىقاتىمىزدا بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان 1500 ئالاقە ھالقىسىنى بايقىدۇق. شۇڭا بۇ ناھايىتى كەڭ كۆلەمدىكى بىر ھەرىكەت.»

كرىستوف خېبېيسېننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھاككېرلار بۇنىڭدا 3-تەرەپ ساختا ئەپ دۇككانلىرىنى قوللانغان ياكى تېكىست ۋە ئېلخەتلەرنى يەمچۈك قىلىپ ئىشلەتكەن. كرىستوف خېبېيسېن مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ھۇجۇملارنىڭ قانداقلىقى ماڭا مەلۇم ئەمەس. لېكىن ھېچ بولمىغاندا بىز بەزى ھادىسىلەردە 3-تەرەپ ساختا ئەپ دۇككانلىرىنى بايقىدۇق. بۇ مەنتىقىغە چۈشىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بىلىشىمچە گۇگۇل خىتايدا ئېچىلمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم باشقا ئۇللانمىنى ئېچىش ئۈچۈن 3-تەرەپ ئەپ دۇكىنىغا ئېھتىياجلىق. بىز بايقىغان يەنە بىر ۋەقە ئېلخەت ۋە تېكىست يوللانمىلىرىنى يەمچۈك قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن نىشانغا يامان غەرەزلىك يۇمتاللارنى يۈكلەشتۇر.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور بېتلىرىگە، ئەقلىيفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقىنى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما «لۇكئاۇت» شىركىتىنىڭ يېڭى تەتقىقاتى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكىتىنىڭ كىشىلەر بۇرۇن ئويلىغاندىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەركىزى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئىزچىل ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار تەشكىلاتىدۇر.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان 1-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاكادېمىيە ئورگان تورىنى زىيارەت قىلغان ئادەم قېتىم سانى تەخمىنەن 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاكادېمىيە ئورگان تورى ۋە تور كۇتۇپخانىسىدىكى ھەر خىل يازمىلار تەخمىنەن 4 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ. شۇڭا ئاكادېمىيە تورى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور. بۇ خىل شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكادېمىيە تورىغا ھۇجۇمى توختىمىدى. خىتاي خاككېرلىرى دائىم ئاكادېمىيە تورىغا ۋىرۇس ھۇجۇمى قىلىپ تۇردى. ئاكادېمىيەنىڭ ساختا ئېلخەتلىرىنى ياساپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئاكادېمىيە تور بېكىتى پات-پات نورمال ئېچىمايدىغان، بەزىدا تاقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى.»

ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور ۋە شەخسىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىىنى قوغداش تېخىمۇ جىددىي مەسىلىگە ئايلانغان. ئابدۇلھەمىت قاراخان مۇنداق دېگەن: «خىتاي توختىماي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور بېكەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا يانفۇنلارغىمۇ ھەر خىل ئەپلەرنى قاچىلاش ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغرىلاۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ تور ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ سىياسىي پاالىيەتچىلىرىنىڭ تور بەت، ئېلخەت ۋە يانفون ئەپلىرىنى ئىشلەتكەندە كۆپ دىققەت قىلىشى، ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىگە مۇراجىەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئېلخەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.»

«لۇكئاۇت» شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، «ئالتۇن بۈركۈت» دەپ ئاتالغان يۇمتال خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن ئالاھىدە جاسۇسلۇق يۇمتالى بولۇپ، ئۇ 2011-يىلدىن بېرى ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا بۇ يۇمتالنىڭ 2015 ۋە 2016-يىللىرىدا ئەۋجىگە چىققانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يۇمتالنىڭ 650 خىل ۋارىيانتىنى ۋە تېلېفون ئاللاقىسىنى پايلايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ساختا ئەپلەرنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كرىستوف خېبېيسېن 1-ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئالتۇن بۈركۈت» نىڭ ئالاھىدە فۇنكىتسىيەگە ئىگە بىر خىل يۇمتال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «‹ئالتۇن بۈركۈت› بىز ئانالىز قىلغان يامان غەرەزلىك ئاندىروئىد يۇمتاللىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتە باشقا يامان غەرەزلىك يۇمتاللاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ تور ئالاقىسى ئوچۇق ياكى ئوچۇق بولمىغان يەرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگدەك قىلىدۇ. ئۇ توردا ھەرىكەت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھۇجۇمچى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ تېكىست ۋە تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىيالايدىغان فۇنكىتسىيەسى بار. بۇنىڭدا ئۇ بۇنى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون ئىگىسىگە تۇيدۇرمايدۇ. قارشى تەرەپكە تېلېفون كەلسە ئۇنىڭغا دەرھال خەۋەر بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئەمما قارشى تەرەپ بۇنى تۇيمايدۇ. ھالبۇكى، ھۇجۇمچى تېلېفوننى قوۋەتكەن ھامان جاسۇسلۇق يۇمتالى ئۇنىڭ ئىزىنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېچقچان بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ناھايىتى ئالاھىدە بىر خىل يۇمتالدۇر.»

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، «لۇكئاۇت» شىركىتى يەنە 2019-يىلى 6-ئايدا «سۈرىيە خەۋەرلىرى» ناملىق بىر ئەپكە يوشۇرۇنغان بىر خىل خىتاي جاسۇسلۇق يۇمتالىنى بايقىغان. بۇ بۇ يۇمتالنىڭ نىشانى سۈرىيەدىكى بۇ يۇمتالنى قاچىلىغان ئۇيغۇرلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئىكەن. دوكلاتتا يەنە «لۇكئاۇت» شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، تۈركىيە، مالايسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ يوللانغان بۇنىڭغا ئوخشاش جاسۇسلۇق يۇمتاللىرىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى