2013.12.23

12-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيەدىكى تانىياما كاتولىك دىنىي چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىمپونىيە كېچىلىكىنىڭ باشلىنىشىدا مەزكۇر كېچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى پروفېسسور دوكتور بۇلمانىڭ «سىمپونىيە كېچىلىكىمىز 21-ئەسىردىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا قۇربان بولغان، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، تۈرمىلەردە ئازابتىن ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى» دېگەن سۆزى سورۇن ئەھلىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.
پروفېسسور بۇلمانىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا تاماشىبىنلار، مۇزىكانتلار، ئوپېرا ناخشىچىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قىزغىن چاۋاك بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئالقىشلىدى.
پروفېسسور دوكتور بۇلما سۆزىدە بۈگۈنكى سىمپونىيە كېچىلىكىمىز ئەسلىدىكى پىلانىمىز بويىچە مۇزارتنىڭ سىمپونىيىلىرىنى ئورۇنلاشنى پىلانلىغان بولغان بولساقمۇ، ئەمما مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، ھەممىڭلار كۆرگىنىڭلاردەك، قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدە يەنە ئون نەچچىلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋىرى بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئازابلىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن باشلانغاندىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر داۋاملاشماقتا. شۇڭا مەن 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور فرانز سچمىدتنىڭ سىمپونىيىلىرىنى ئورۇنلاشنى قارار قىلدىم. سەۋەبى فرانز سچمىدتنىڭ سىمپونىيىلىرىدە ئاساسلىقى ئىككى مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىسكىرىپكا،يەنە بىرى بولسا نەي. ئىسكىرىپكا ئۆزىنىڭ ئىنچىكە، يېقىملىق، ھەسرەتلىك تارىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى بىلدۈرسە، نەي ئۇلارنىڭ روھىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا مەن فرانز سچمىدتنىڭ سىمپونىيىلىرىنى ئورۇنلاشنى لايىق كۆردۈم. مۇزىكا تەڭرىنىڭ كۈچى، روھنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ سىمپونىيە كېچىلىكىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا گۈزەل ئايەم كېچىلىرىدە خاتىرجەملىك ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان دوستلارنىڭ ئازاب ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەس، بىزدەك سەنئەتكار دوستلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈشتىن يۈزىسىدىن بۇ سىمپونىيە كېچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىدىم.
كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ كاگوشىما شەھىرىدىكى كاتولىك دىنىي ئىبادەتخانىلىرىدىن بىرى بولغان تانىياما چېركاۋىدا ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور فرانز سچمىدتنىڭ سىمپونىيىلىرىنى ئورۇنلاش مۇزىكا-ئوپېرا كېچىلىكىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور بۇلما رىياسەتچىلىك قىلغان.
گېرمانىيەلىك پروفېسسور،دوكتور بۇلما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە 2009-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى چەتئەللىك زاتلاردىن بىرى. ئۇ، 2009-يىلى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولغان شۇنداقلا ئۇ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەخسۇس كۆرۈشكەن. ئۇندىن باشقا پروفېسسور بۇلما 2011-يىلى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات يوللاشقا قاتنىشىپ، شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشكەن. 2012-يىلى ئۆزى باشلىق ياپونىيەدىكى چەتئەللىك پروفېسسورلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا توكيودىكى ۋاتىكاننىڭ باش روھانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاتىكاننىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش روھانىسىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسى توغرىسىدىكى يازما دوكلاتىنى بېرىش پۇرسىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
سىمپونىيە كېچىلىكى كەچ سائەت يەتتىدىن ئونغا قەدەر داۋاملاشتى. كېچىلىككە تەخمىنەن ئىككى يۈز ئەللىك يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئاخىرىدا بۈگۈنكى سىمپونىيە كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغانلاردىن يۈكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن بۈگۈنكى روزجېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىمپونىيە كېچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ ئېچىندىم. مەن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قوللاشقا تىرىشىمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.