2013.12.13
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاكتىپ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
شىنزو ئابېنىڭ 13-دېكابىر توكيودا باشلىنىدىغان ش ج ئا ئە ئى نىڭ يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېگەن: ئابې ش ج ئا ئە ئى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان دىپلوماتىيەدە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلىش پىكرىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئوچۇق خەتتە يەنە، ئابېنى ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «سۈكۈت قىلىش دىپلوماتىيەسى» نى ئىجابىي تەنقىد ۋە ئاشكارا ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتكە ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
ياپونىيەنىڭ، خەلقئارا، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشى ھەققىدىكى پىكرىنى بۇنىڭدىن 6-7 يىل ئاۋۋال د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ پىكىرنى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيە زىيارىتىدە بىلدۈرگەن ئىدى.
ياپونىيە دېموكراتىك ئەل بولسىمۇ، بىراق ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى پاسسىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، باشقا ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. بىراق يېقىندىن بۇيان خىتاي باش كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ باشقا ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قوللاشنى كۈچەيتكەن.