2013.12.09

watikan-bash--rohani-josef-chennoth.jpgكاگوشىمادىكى زابەر چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەت. 2013-يىلى 8-دېكابىر، ياپونىيە.

12-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە كاگوشىما جۇنشىن قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ۋاتىكاننىڭ باش روھانىسى جوسېف چېننوتھ كاگوشىمادىكى كاتولىك دىنىنىڭ بۈيۈك چېركاۋلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان زابېر چېركاۋسىدا ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيانىڭ تىنچلىقى جۈملىدىن دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىۋاتقان دىنىي مۇراسىم ئارىلىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان يازما دوكلات ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان دوكلات ئاساسلىقى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۇنجى قىسمىدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دېيىلگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى  بىلەن ئەمەلىيەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتىنىڭ تۈپتىن پەرقلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئىككىنچى قىسمىدا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى، ھەج پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالى، 18 ياشتىن تۆۋەن باللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى، قۇرئان ئوقۇش، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىشى، روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۈچىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىش،يۈزىگە چۈمبەل تارتىش قاتارلىق دىنىي، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ۋاتىكاننىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش روھانىسى جوسېپھ چېننوتھقا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى توغرىسىدا يازما دوكلات يوللاش پىلانىنى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بولما، ناكو خانىملار ئالدىن پىلانلىغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ باش روھانىغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور دوكتور بولما ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-باش روھانىغا يەتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى باش روھانىي ئەلۋەتتە تېزلىكتە ۋاتىكانغا يەتكۈزىدۇ. ۋاتىكان يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدۇر. بۇ دوكلات بىرىنچى قوللۇق يازما دوكلات شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاتىكان بۇ مەسىلىسىگە ئەلۋەتتە باشقىچە كۆز قاراشتا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

دوكلاتنى تاپشۇرۇپ بېرىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ناكو خانىم دوكلاتنىڭ باش روھانىغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقنىڭ بىر تەرىپى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ناھايىتى زور بىر مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. كۈچلۈك ئېتىقاد ئىگىلىرى بېسىم ۋە تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى پەقەتلا يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن. شۇڭا بىز خەلقئارادىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئورتاق ھالدا خىتاي كومپارتىيىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇڭا بۇ خىلدىكى يازما دوكلاتلارنى خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەرگە يوللاش، بۇ جەھەتتە مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىشتە پايدىلىق دەپ قارايمەن.

ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ۋاتىكاننىڭ باش روھانىسى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا توكيودىكى ئەلچىخانىسىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى پروفېسسور دوكتور بولما ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسى توغرىسىدا يازما دوكلات بېرىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا باش روھانىغا ئىككىنچى قېتىم يەتكۈزۈلگەن يازما دوكلات ھېسابلىنىدىكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.