2013.12.03

jurnalist-nejmettin-chuhadaroghlu-rabiye-xanim.jpgژۇرنالىست نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم بىلەن. 2012-ماي، ياپونىيە.

ئۇزۇن يىل تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلىگەن، ھازىر 3 تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈچۈن TV پروگراممىسى ئىشلەۋاتقان، مەزكۇر پروگراممىلىرىدا داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا قانداق ئاڭلىتىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىڭىزدا باش مىنىستىر مۇئاۋىنىدىن رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا سوئال سورىدىڭىز، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز، دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيەلىشىشكە تىرىشماقتا. ئۆتكەندە ئۇزۇن يىل تۈركىيەگە كىرىشى مەنىي قىلىنغان كۈرت ناخشىچى شىۋان پەرۋەر بىلەن شىمالىي ئىراق كۈرت رايونىنىڭ رەئىسى بارزانى تۈركىيەگە تەكلىپ بويىچە كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا بىز بىر بايانات ئېلان قىلدۇق. مەن رىياسەتچىلىك قىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا باش مىنىستىر مۇئاۋىنىدىن «تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىلغان شىۋان پەرۋەر تۈركىيەگە كېلىپ باش مىنىستىر بىلەن سۆزلەشكەن يەردە، 15 يىل بۇرۇن تۈركلەر خائىن ئېلان قىلغان بارزانى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنغان يەردە، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلمايسىلەر؟» دەپ سورىدىم. 3 تېلېۋىزىيىدە ھەر كۈن دېگۈدەك پروگراممىغا چىقىۋاتىمەن، ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر مەسىلىگە باغلاپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئەكېلىۋاتىمەن.

سىز ھەر كۈنى دېگۈدەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېلېۋىزىيىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىسىز، بۇنىڭغا قانداق ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-كىشىلەر مەندىن، «سىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا نېمانچە كۆپ پروگرامما ئىشلەيسىز؟ سىز شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ؟» دەپ سورىدى. «مەن شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىغان، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يېرىمى شەرقىي تۈركىستاندا بولغاچقا ئۇ يەردىكى كىشىلەر تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن. مەن بىتەرەپ ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئەركىن دۇنياغا ئاڭلاتمىسام قانداق بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم.

سىز ھەپتىدە نەچچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەۋاتىسىز؟ بۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-رايونلۇق تېلېۋىزوردا ھەپتىدە 3 پروگرامما، دۆلەت بويىچە تارقىتىلغان تېلېۋىزىيىدە 2 پروگرامما بولۇپ، ھەپتىدە جەمئىي 5 پروگرامما ئىشلەۋاتىمەن. بۇ پروگراممىلاردا تاماشىبىنلار تېلېفون قىلىپ ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر يېزىپ، مەندىن «شەرقىي تۈركىستاندا يېقىندا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ بىلەمسىز؟» دەپ سورايدۇ. مەن ھەر خىل يوللار بىلەن ئىگىلىگەن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئاڭلىتىمەن. بۇرۇن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاننى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بەكلا ئاز ئىدى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا خەۋەرلەرمۇ ئاز ئىدى. لېكىن كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى مەندەك ژۇرنالىستلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەدە تونۇلۇپ كەتتى. بۈگۈن تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ.

نەجمەتتىن چۇھاداروغۇ ئەپەندى، سىز ياپونىيەدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىمۇ قاتناشتىڭىز، رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىڭىز. ھازىر رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە ئەكېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسىز؟ رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەگە كەلسە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق پايدىسى بولار؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سۈرگۈندىكى لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. كۈچىمىز يېتەرمۇ ئۇنى تازا ياخشى بىلمەيمەن. رابىيە خانىمنى ئىستانبۇلدا، ئەنقەرەدە، قەيسەرىدە، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە كۈتۈۋالساق بەكلا خۇرسەن بولغان بولاتتۇق. رابىيە خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆزىنىڭ ئاڭلىتىشى ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ھۆرمەتلىك نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ژۇرنالىستلارنىڭ بۇ دەۋاغا قىزىقىشى بەك مۇھىم، ژۇرنالىستلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بىز قەيسەرىدىكى 125 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ توقسىنىنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئالدى بىلەن بۇ دەۋانى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلساق، بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ھەممىسى باياناتنىڭ ئاستىغا قول قويىدۇ. بۇرۇن 4 ئاممىۋى تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسا، بۈگۈن بۇلارنىڭ سانى 90 غا چىقتى. ئىجتىمائىي مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەشكىللەپ ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتساق، كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى تارقىتىپ تۇرساق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ژۇرنالىستلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. مەن پروگراممىلىرىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش ۋە رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بۇ مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىڭلار دەيمەن. ژۇرنالىستلار جەمئىيەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى گېزىت، ژۇرنال ۋە ئىنسان ھەق ‏-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئەۋەتىشىمىز كېرەك.

ژۇرنالىست نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ، ژۇرنالىستلارغا بۇ دەۋانى ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ كەمچىلىكى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
‏-شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ياكى ئۇزاق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا گەرچە ئىجتىمائىي مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما ياخشى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ. جەنۋەدە، ئامېرىكىدا شۇنداق چوڭ پائالىيەتلەر بوپتۇ، بۇنى تۈركىيەدە ئاڭلىتالمىدۇق. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىز ژۇرنالىستلارنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى كۆرۈنۈش، رەسىم ۋە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمىدى. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەخسۇس بىر ئاخبارات مەركىزى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى بىر مەركەزدىن تارقىتىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققانىي بىر دەۋا، دەۋا ئادەملىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلانغان تەقدىردە پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئورنىنى ئالالايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىڭلارچە ئىنساننى ئۆلتۈرگەن تېررورچىلارنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، رابىيە قادىر خانىم بىر ئادەمنىڭ بۇرنىنىمۇ قاناتمىغان بىگۇناھ ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېلەلمەسلىكىگە كۆڭلۈم بەكلا يېرىم. بۇلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك.