2013.11.15

ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق كۈنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خاتىرىلىدى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 12-نويابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يىغىلىپ ئۆتكەن ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى. مەزكۇر پائالىيەتكە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف تەبرىكنامە ئەۋەتتى، خىتاي دېموكراتىك زاتلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتكە 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم 1933 ۋە 1944-يىللىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئەجدادلىرىنىڭ كۈرەش روھىغا ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇرلار يەنە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرىدىغان شۇنداق بىر كۈن يەنە كېلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى فرانك ۋولف مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسىدە، بۇ تارىخىي مىنۇتلاردا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ تەبرىك نامىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ تۈزۈمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىشىنى تىلەيمەن، دېدى.
سورۇندا يەنە تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق خىتاي دېموكراتلار ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى
مۇستەقىللىق كۈنى ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختىگە يىغىلغان ئۇيغۇرلار 12-نويابىر كەچقۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى. رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ كەلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى نومۇسسىزلارچە ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلار ئەمدى ئالدانمايدۇ.
نامايىشتا «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەندەك شوئارلار ياڭرىدى.
مۇستەقىللىق كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خاتىرىلەندى
12-نويابىر مۇستەقىللىق كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلەندى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ۋە نامايىشلار ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن بولسا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىي ساۋاقلار ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى. نورۋېگىيەدىكى بىر جۈپ ياش نىكاھ مۇراسىمىنى جۇمھۇرىيەت كۈنىگە توغرىلاپ، بۇ كۈنگە تېخىمۇ مول مەزمۇن قوشقان بولسا، ئىستانبۇلدا جۇمھۇرىيەت كۈنىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان. تۇنجى قېتىمقىسى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، كېيىنكىسى 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەت 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلار شۇڭا ھەر يىلى 12-نويابىرنى ئىپتىخار ۋە ھەر خىل مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىچىدە خاتىرىلەيدۇ.
ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى 14 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى
زىيانكەشكە ئۇچرىغان ئوغلىنىڭ دەۋاسىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى 14 ئاي قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.
نۇرۇنگۈل توختى، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 4-كۈنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ئۇ، 14 ئاي قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
نۇرۇنگۈل توختى 2009-يىلىدىن بۇيان يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ۋە ئۇنى جازاغا تارتمىغان داليەن ساقچىلىرى ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئىدى.
ئۇ ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچتۇرپان ساقچى دائىرىلىرى نۇرۇنگۈلگە ھېچقانداق جىنايەت ئارتالمىغان بولسىمۇ، 14 ئاي قاماپ قويغان. نۇرۇنگۈل نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ بۇ يولسىزلىقى ئۈستىدىنمۇ دەۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
5-ئىيۇل غايىبلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا: خىتاي سەۋەبچى
5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىماممەمەت ئېلى ۋە ئالىم ھىلاجى قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنى شۇنداق ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت سىمۋولى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى ئۆز ئاخباراتىدىن يوشۇرغان ۋە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھۇجۇمچىلارنىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان 5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىماممەمەتنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام مۇنداق دېدى: خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن خەۋەر قىلدى. تېررورچىلاركەن دېدى. دۆلەت ئۆزى تېررورچى بولغاندىن كېيىن، پۇقرالار تېررورچى بولماي نېمە بولىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھۇجۇمچى تېررورچى ئەمەس، بەلكىم ماڭا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، خورلانغۇچى بولسا كېرەك.
ئالىم ھىلاجىنىڭ ئانىسى سۇدىغان ھاجىم بۇ ھۇجۇمدىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەپسۇسلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: مۇشۇنداق ناھەقچىلىك بولۇۋەرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ بولغىنى بەلەن بوپتۇ. ھەممە ئادەمگە جان كېرەك. ھېچكىم ناھەقچىلىككە ئۇچرىمىسا بۇنداق قىلمايدۇ، دېدى.
يۇقىرىقى مەزلۇملار 2009-يىلىدىن بېرى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدا غايىب قىلىنغان ئوغۇللىرىنى ئىزدەش يولىدا ئىزتىراپ چەكمەكتە ئىدى.
ئەنخۇي ۋە كۈنمىڭدە ئۇيغۇرلار خىتاي ئامانلىق خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى
خىتاينىڭ ئەنخۇي ۋە كۈنمىڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى كۆرۈنگەن. ھەر ئىككىلا توقۇنۇش 9-نويابىر يۈز بەرگەن. مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەيدانغا چىقىشى دىققەت قوزغىدى.
«بوشۈن» قاتارلىق خىتاي تورلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەنخۇيدىكى ۋەقە بىر توپ تارقىتىش بازىرىدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن، ئون نەچچە كىشى يارىلانغان.
كۈنمىڭ شەھىرىدىكى توقۇنۇشقىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دۇكىنىنى تاقاشقا مەجبۇرلاش سەۋەب بولغان.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.