2013.11.12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 12-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىنى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە پائالىيىتى، ۋاشىنگتون ۋاقتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 4 كېچە ئېلىپ بېرىلدى.
مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنىڭ ساداسىدا يۈزگە يېقىن ئىشتىراكچىلارنىڭ ئۆڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمغا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ قاتناشتى، مۇراسىمغا يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەمدە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىنمۇ بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىم رىياسەتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى تەبرىك سۆزىگە تەكلىپ قىلدى:
رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى بۇ ئۈچ قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرغان زەپەر كۈننىڭ شەرىپى بىلەن مۇبارەكلىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قان تۆككەن ئەجدادلارغا، شېھىتلەرگە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى، ئىزىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان 4-قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمغا ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى .
ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچلۈك قوللىغۇچى تەشكىلاتلاردىن ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇيىسا گرېۋيى خانىم تەبرىك سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركستاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن تەبرىكلىگەندىن باشقا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
مۇراسىمغا گېرمانىيىدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولغان ئەركىنلىك ئۈچۈن، 4-قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش يولىدا مۇجادىلە قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەتراپىغا مۇشتۇمدەك ئۇيۇشۇشقا چاقىردى.
سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن يەنە، ئامېرىكا توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابق باش دىرېكتورى خانس خورگرىفې جامائەتكە قاراپ، «سىزلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار، تۆلىگەن بەدەللىرىڭلار، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە زۇلۇمنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بارغانچە كۈچەيمەكتە، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشى توختاپ قالغىنى يوق، بۇنىڭ توختىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەسىلىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇزۇن ھەم مۇشەققەتلىك بىر مۇساپە ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك، نىشانغا يېتىپ ئۈچۈن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئېيتقاندەك ئۆز-ئارا ئىتتىپاق ۋە ساداقەت كېرەك. ئۇيغۇر دوستلارغا بۈگۈنكىدەك جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئامېرىكا تارىخىدىكى داڭلىق رەھبەرلەردىن ئىبراخىم لىنكولننىڭ «ئائىلە ئىچىدىكىلەر بىر-بىرىگە قارشى تۇرغاندا ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ»دېگەن بىر مەشھۇر سۆزىنى سوغات قىلىمەن دېدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان تەيۋەنلىك، خىتاي دېموكراتىيە ۋە تىبەت تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن مۇبارەكلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ھاياجان ئىچىدە تاماملانغان مۇراسىمدىن كېيىن، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.