2013.11.01

ياپونىيە ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كىمجۇڭ ھى خانىم 31 – ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلىگە بېرىپ 28 – ئۆكتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلغان.
كىمجۇڭ ھى خانىم مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ياپونىيە ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ باش بېتىدە «مېنىڭ ئىنىم نېمە ئىش قىلغاندۇ؟» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلغان.
مۇخبىر كىمجۇڭ ھى خانىم زىيارەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىر سائەت ئەتراپىدا ئۇچقاندىن كېيىن ئېلىغا يېتىپ بارغانلىقىنى، بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاكىسىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، 28 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان.
ئۇ ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى ئاتاپ ئىنىسىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاكىسى ساقچىلاردىن «ئىنىم نېمە ئىش قىلغاندۇ؟» دەپ سورىغاندا ساقچىلار ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، لېكىن ساقچىلار پەقەت ئۇنىڭغا «ئاپتوموبىل ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم ئۆلدى» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ھۈسەنجان غوپۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە ئاساھى شىمبۇن گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاتا، ئانىسى ئوغلىنىڭ ئاللىقاچان قولغا ئېلىنىپ بولغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغان «ئوغلۇڭنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار» دېگەندىن باشقىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئالتە قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىن 2003 – يىلى ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەن. ئۈرۈمچىدە شوپۇرلۇق ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.
ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسى ياپونىيىلىك مۇخبىرغا كۆز – ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ «ئوغلىمىز گۇناھسىز، ئۇنىڭ تېررور بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن.
ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 1 – نويابىردىكى سانىنىڭ ئۈچىنچى بېتىگە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى كىمجۇڭ ھى خانىمنىڭ «تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ۋەقەسى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېگەن ماقالىسىدە، قولغا ئېلىنغان گۇماندار ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
مۇخبىر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەھراسىدىن بولغان، بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان 36 ياشلىق گۇماندار ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ 51 ياشلىق ئاكىسى 31 – ئۆكتەبىر ئېلىدىكى ئۆيىدە مۇخبىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ئىچىگە چوڭقۇر ئۇھ تارتقان ھالدا « مېنىڭ ئىنىم دوستلىرى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزىمۇ بايان قىلىنغان.
ماقالىدە ياپونىيىلىك مۇخبىر كىمجۇڭ ھى خانىم «بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ 72 ياشلىق مېھرىبان، كۆيۈمچان، مېھمان دوست ئانىسى ماڭا، ئوغلى ھۈسەنجاننىڭ ئۆزلىرىگە شۇنداق بەك كۆيۈنىدىغان ياخشى پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى» دەپ بايان قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا يەنە، ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلالمىغانلىقتىن ھۈسەنجان غوپۇر ئۇلارغا دائىم ئۈرۈمچىدىن پۇل ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.
مۇخبىر كىمجۇڭ ھى خانىم ماقالىسىدە ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ 75 ياشلىق ئاتىسى ئوغلى توغرىسىدىكى خەۋەرنى 51 ياشلىق چوڭ ئوغلىدىن ئاڭلىغاندا قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى مۇخبىرغا ئوغلىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ ھېچقانداق دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
كىمجۇڭ ھى خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تېپىلغان بۇيۇملار ئىچىدە بايراق بارلىقىنى، بايراقتا ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئائىت خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىر قولغا ئېلىنغان ھۈسەنجان غوپۇرنىڭ ئاتا، ئانىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى ئوغلىنىڭ ھېچقانداق دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ماقالىدە رويتېرىس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «بۇ قېتىمقى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھېچقانداق رادىكال تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق» دېگەن سۆزىمۇ قىستۇرۇلغان.
يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى «خىتاي ئۇيغۇرلاردىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلماقتا» ناملىق خەۋىرىدە 28 – ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە نىسبەتەن شى جىڭپىڭ ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تېررورچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خەۋەردە 31 – ئۆكتەبىر قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىدىكى ئاساسلىق يوللارنى قامال قىلىپ، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقىنى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ دەرىجىدە جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان سەككىز نەپەر گۇماندارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن بولغانلىقىدىن دەپ ئەسكەرتىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى خىتاي ئوبزورچىسى شى پىڭ خىتاينىڭ تيەنئەنمېندىكى بۇ ۋەقەنى «تېررولۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىشىغا ئۆزىنىڭ قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
– ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ۋەقە خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئاتمىش نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى. بۇنى مەن ھەرگىز «تېررورلۇق» دەپ ئاتىمايمەن. بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارى خىتاي كومپارتىيىسى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار ئەمەس.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.