2013.10.30

asahi-tv-rabiye.JPGئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاساھى تېلېۋىزىيەسىدە تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل ۋەقەسى ھەققىدە سوھبەتلەشتى. 2013-يىلى 30-ئوكتەبىر.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى. 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى.

ئاساھى شىمبۇن گېزىتى 30-ئۆكتەبىردىكى سانىنىڭ باش بېتىدە «تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل ۋەقەسى سادىر قىلغانلار ئۇيغۇرلارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

30-ئۆكتەبىردىكى ئاساھى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11:30 دىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسى بېرىلدى.

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، تيەنئەنمېندە كىچىك ئاپتوموبىللار بىلەن ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېمە ئۈچۈندۇر ھۆكۈمەت ۋەقەنى يوشۇرۇشقا بەكرەك تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا ۋەقەنى ناھايىتى مۇھىم ۋەقە دەپ تىلغا ئالغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنىڭ قايسى تەرەپتىن مۇھىملىقىنى ئېيتمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ساقچى تەرەپنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، تۇغۇلغان جايى قاتارلىق گۇماندارلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ۋەقەدە يارىلانغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئاساھى شىنبۇن گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرىغا، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى قارا بايراقنى لەپىلدەتكەنلىكىنى، بايراقتا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا يېزىلغان خەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە باشقا بىرىنىڭ مۇخبىرغا «ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن سۆزىمۇ بايان قىلىنغان.

خەۋەردە خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ ئۇچۇر مەركىزى تارقاتقان خەۋەردىنمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خوڭكوڭدىكى مەزكۇر خەۋەردە ئاپتوموبىلدا ئۆلگەن ئۇچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 6-ئايدىكى لۈكچۈن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە بېيجىڭدىكى مەزكۇر ۋەقەدە يارىلانغانلارنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرىنىڭ «ساقچى تەرەپ دوختۇرخانىنى قامال قىلىپ،يارىلانغۇچىلارنى زىيارەت قىلغۇچى مۇخبىرلارنى ھەيدىۋەتتى» دېگەن سۆزىمۇ بېرىلگەن.

خەۋەردە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ كۆچۈلمىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى دۇنيا خەۋەرلىرى پروگراممىسىدا مۇخبىر بېيجىڭدىن نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقاندا تېلېۋىزىيە ئېكرانى تۇيۇقسىزلا قارا رەڭگە ئايلىنىپ قالغان. سەۋەبى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ساقچىلار مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشىنى توسۇپ قويغانلىقى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

خەۋەردە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاساھى شىنبۇن گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن سەككىز نەپەر گۇماندارنى ئۇيغۇر دەيدۇ؟ قايسى ئىسپات-دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇنى ئىسپاتلايدۇ؟ دېگەن سوئالمۇ قويۇلغان

يوئىمىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭ ساقچى تەرەپنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ نەپىرىنىڭ ئاپتوموبىلدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ساقچى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىلدىن پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە 29-ئۆكتەبىر خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ بۇ ۋەقەنى «تېررور» دەپ ئاتىغانلىقىنى، شۇنداقلا گۇماندارلارنى«ئۇيغۇر،ئۇلار مۇستەقىل بولماقچى» دېگەن سۆزىنىمۇ نەقىل ئالغان.

خەۋەردە خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى «ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ئەمما مۇستەقىلچىلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «نېمە ئۈچۈندۇر مەتبۇئاتلاردىن قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ»، دېيىلگەن.

خەۋەردە بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى بارلىق مېھمانسارايلاردا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مەقسىتى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ۋەقەدە يارىلانغان ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىر ياپونىيەلىكنىڭ بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە ئۇنىڭ چىشلىرى سۇنۇپ بېلى يارىلىنىپ، ھازىر ئورنىدىن تۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرپان-پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ۋەقەسىدە 35 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىكى بىر ياشنىڭ تۇرپاندىن ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

بىز مەزكۇر ۋەقەنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى تەسىرى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.