2013.10.22

تەيۋەنلىك يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «خىتاي ئاللىقاچان تۈگەشتى» ناملىق كوللېكتىپ يېزىلغان سىياسىي ئانالىز كىتابىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تەيۋەنلىك يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ تەيۋەن، ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ قاراشلىرى مەزكۇر كىتابتىكى «ئۇيغۇر مەسىلىسى پارتلاۋاتقان بومبا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدا ئادىل بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا بەرگەندىلا، ئۇيغۇر مەسىلىسى تىنچلىق بىلەن ھەل بولىدۇ»، دېدى.
خۇئاڭ ۋېنشۇڭ ماقالىسىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور ماقالىدە بۇ يىل 4-ئايدا مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىق بۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە يەنە 6-ئايدا پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 35 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا خىتاي پۇقرالىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە،2008-يىلى خىتايدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن شۇ يىلى 3-ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار،شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
تەيۋەنلىك يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ماقالىسىدە ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق بايان قىلغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئېلىپ بارماقتا. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرماقتا.بۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيە،ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئىسلام ئەللىرىگە قاچماقتا. 2012-يىلى 2-ئايدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما جۇڭگو بۇ مەسىلىدە يېتەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە ئاقىۋەتتە جۇڭگو ئىسلام ئەللىرى بىلەن يەنى ئىسلام دىنىي بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ۋەزىيەتكە ئۇچرايدۇ.
ئاپتور ماقالىسىگە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت سۈرەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرىتىنى كىرگۈزگەن.
ئاپتور رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: رابىيە قادىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورچى» دەپ ئاتالغان.
يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر،تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ جۇڭگودا كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ تەقدىرىگە ئېغىر تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىمۇ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىشىمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئاتالماقتا. ئەگەر جۇڭگو دۆلىتىدە بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە بىر ئۆلۈپ قايتىدىن يېڭىدىن تۇغۇلۇشىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندىم خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېسسىيات جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئوخشاش. 20-ئەسىرىدىكى جۇڭگو تارىخىغا قارايدىغان بولسا جۇڭگونىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋە مەغلۇپ بولغان بىر ئىش. شۇڭا 21-ئەسىردە جۇڭگو ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقىنى ئۆزىگە بېرىشى، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلارنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلىشىشى كېرەك. 21-ئەسىرىنىڭ بېشىدىكى دۇنيادىكى دۆلەتلەردە ھەممىدىن كۆپ قىيىن بولۇۋاتقان مەسىلە مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدۇر.
خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندىم ياپونىيەدە بولسۇن ۋە ياكى تەيۋەندە بولسۇن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىلىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە شۇنداقلا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت خۇئاڭ ۋېنشۇڭ ھەققىدە توختالدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.