2013.10.03

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تىبەت پروفېسسور پېمانىڭ يېقىندا «ياپون بەكمۇ خەتەرلىك، جۇڭگومۇ ھەم خەتەرلىك» ناملىق خىتاي-ياپون مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت سىياسىي مۇلاھىزە كىتابى ياپونىيە ئائۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
مەزكۇر كىتاب ئالتە بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى كىتابتا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى بىلەن بىرگە، ياپونىيەگە بولغان تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن، ئاپتور خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن باشلانغان قوشنا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئەنئەنىۋى تاجاۋۇزچىلىق ئىستراتېگىيە سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە خىتايغا قوشنا بولغان تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق تارىختىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھازىر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە، خىتاي زېمىنى ئىچىدىكى بىر ئاپتونومىيىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي جەريانلارنى ياپونلارغا ئەسلىتىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەمدىلىكتە بولسا ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە ياپون ئاپتونوم رايونىنى قوشۇش نىيىتىدە تەدرىجىي ھالدا ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىز پروفېسسور پېمانىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان كىتابىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان پېما كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن كىتابىمدا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ھەققىدە ئىككى نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىرىنچىسى، خىتاي كۈچلەنگەندە سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچىسى، خىتاي دۆلەت ئىچىدە ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ، نامايىش ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭلار كۆپەيگەندە قوشنا ئەللەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ. يۇقىرىقى ئىككى نۇقتا ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىدە مەۋجۇت. خىتاي ھەربىي جەھەتتە ۋە ئىقتىسادتا گۈللەندى. كۈچلۈك ساقچى ۋە ھەربىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرى بېسىققىنى يوق. شۇ سەۋەبلەردىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇنى بېسىۋېلىشى ئېھتىماللىققا يېقىن.
پروفېسسور پېما سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىتايلار ياپون خەلقىنى ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرۈشتەك ھىيلە-مىكىرلىك سىياسىتى بىلەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تارىختا تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇرلارنى ئالدىغاندەك ياپونلارنى ئالداپ، ياپونلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قورچاق رەھبىرى سەيپىدىندەك، موڭغۇللاردىن ئۇ لەنفۇدەك، تىبەتلەردىن ئافې ئاۋاڭ جېنمېيدەك رەھبەرلەرنى تەيىنلەپ ياپونىيە ئاپتونوم رايونى قۇرماقچى. مەن كىتابىمدا ئاساسلىقى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ، ياپونلارنىڭ تىزدىن ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
خەلقئارا سىياسەتشۇناس پېما ئۆزىنىڭ «خىتاي خەرىتىسىدىكى ياپون ئاپتونوم رايونى» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر كىتابتىكى ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان: «خىتاي، پىلانى بويىچە ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىپ ئۆزىگە قوشنا بولغان ئەللەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقتا. خىتاينىڭ بۇ پىلانى ھازىر ياپونىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرىنى نىشانلىغان ھالدا ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىشلار بولماستىن، خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەربىي پىلانىدىن كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. ياپونىيە ئەمدى نېمە قىلىشىنى ئوبدان ئويلىشى كېرەك. ھازىرغىچە ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى بىلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئەتراپلىق ھالدا تاقابىل تۇرمىدى. ئەگەر ياپونىيە بۇ مەسىلىگە سەل قارىسا، خىتاي ياپونىيەنىڭ ئارال ماجىراسى بولغان كورېيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيەنى بېسىۋالىدۇ. خىتاينى ماۋ زېدۇڭ فېئوداللىقتىن ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدۇردى. دېڭ شاۋپىڭ بولسا خىتاينى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۈزلۈكسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي تۇپرىقىغا تەۋە دەپ ئۆزلىرى دەۋاتقان زېمىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا تىرىشماقتا. تەيۋەننى بولسا ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەيلا ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ كېيىنكى پىلانى بولسا، سېنكاكۇ ئارىلىنى ۋە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش بىلەن بىرگە، ياپوندىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنى ئۆز خەرىتىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم رايونلارنىڭ قاتارىغا قوشۇپ، ياپون ئاپتونوم رايونى قىلىش پىلانى بار. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېزىتىدە: «ئۇرۇشقا تەييارلىنىش، ھەقىقىي ئۇرۇش قىلىش تەييارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقاتنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزور پروگراممىلىرىدا سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدە خىتاي ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشمەكتە. ھازىرقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ياپونىيە دەپ قارالماقتا.
پېما ئەپەندى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ۋە مەسلىھەتلەردە بولغان.
خەلقئارا سىياسەتشۇناس پېما گيالپو 1953-يىلى تىبەتتە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1959-يىلى تىبەتتىن ھىندىستانغا دالاي لاما بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ، 1976-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇندىن باشقا ياپونىيە ياسوفىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ۋە توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-ئافرىقا تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1977-يىلى تىبەت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1980-يىلى دالاي لامانىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. پېما گيالپو ھازىر ياپونىيە توئىن يوكوھاما ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇندىن باشقا ھازىر ئۇ، ياپونىيەدە بۇتان پادىشاھلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
پېما گيالپو يالغۇز ياپونىيەدە تىبەت مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماستىن، ئۇيغۇر، موڭغۇل مەسىلىلىرىگىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى سىياسىي ئەسەرلىرىدە بولسۇن، تىبەت مەسىلىسى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر، موڭغۇل مەسىلىلىرىنىمۇ بىرلىكتە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. پېما ئەپەندى بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ۋە مەسلىھەتلەردە بولغان.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.