2013.09.24

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى توكيودا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، ياپونىيەگە يەرلەشكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلىتىشى كەم ۋە بۇ خىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا توكيودا دوكلات سۆزلىنىشى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت توكيودا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ئىتتىپاقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر زور تەشكىلاتلاردىن بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مىئۇرا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات سۆزلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر توكيودا ئۇيغۇر مەسىلىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىلھام ماھمۇتلار تەرىپىدىن كۆپ سۆزلەندى. بۇ قېتىم بىز باشقىچە ئۇسۇلدا خانىم-قىزلار مەسىلىسىدە ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ھەقىقى ئەھۋاللارنى ئاڭلاش شەكلىدە دوكلات سۆزلەشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. چۈنكى مەقسىتىمىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلاردىن بىز خەۋەرسىز بولغانلىقتىن توكيودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بۇنى ئاڭلاش ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلىشىشتىن ئىبارەت.
توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى دوكلات ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ساتو ئەپەندى قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئاسىيا ئەركىنلىكى، دەموكراتىيىسى ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەزكۇر گۈلىستان خانىمنى دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. جەمئىيىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالار پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىمىز.
مەزكۇر پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا خىتايغا قارشى تۈرلۈك نامايىش ۋە يىغىلىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، دوكلاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ياپونىيەدىكى باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەتراپلىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
گۈلىستان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىدىكەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.