2013.08.09

qunduz-yusup-yaponiye-konsuli-305.jpgخىتاينىڭ ياپونىيىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپ.

Yaponiye Osaka Xitay konsulxanisining tor betidin elindi

8 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ مەلۇم ئارىلىدىكى سۇ ئاستى مېھمانخانىسىدا خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرگە ئاشكارىلاش ۋە بۇ توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش يېپىق يىغىنى باشلاندى.

مەزكۇر يىغىندا خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى مۇتەخەسسىسى ساكۇرا تەخەلۇسلۇق خانىمنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرىدا 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا ۋە خىتاينىڭ ئوساكادىكى سابىق مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى ئىشلار تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى 14 نازارەتنىڭ نازىرلىرىغا «ياپونىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ساكۇرا تەخەللۇسلۇق مۇتەخەسسىس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە «ياپونىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى» دېگەن دوكلات يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ جەمىي 130 نەپەر كىشى قاتناشقان ۋە يىغىن يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان.

توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 8 – ئاۋغۇستتىكى تور بېتىدىكى ئۇچۇرىدا توكيودىكى خىتاي ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا خىتاي – ياپون مۇناسىۋىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىدىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى خەۋەر بېرىلىپ، خىتاي ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنشيەن، نۇر بەكرى ۋە خۇاڭ ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچىراشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھەر ئىككى تور بېتىدە، دوكلاتنى خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانىڭ بەرگەنلىكى، دوكلاتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىساد، مائارىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسى ھەمدە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىكەنلىكى دېيىلگەن. ئەمما، خىتاينىڭ ئوساكادىكى مۇئاۋىن سابىق كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنمىغان.

ھەممىدىن خەۋەردار خىتاي جاسۇسلۇق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ساكۇرا تەخەللۇسلۇق خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوساكادىكى مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ھەرىكىتى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بىلەن بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى بەش چوڭ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن. ئۇ سۆزىدە:

– قۇندۇز بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا بىلەن بىرلىكتە بەرگەن دوكلاتىدا، يالغۇز ياپونىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى كانادا، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات بەرگەن. قۇندۇز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە، شەھەرلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن جاسۇسلۇق ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بىلەن ماتېرىيال توپلىغان ۋە ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئاخبارات توپلاشقا ئەۋەتكەن، – دەپ كۆرسەتتى.

ساكۇرا تەخەللۇسلۇق خانىم قۇندۇز يۈسۈپنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ:

– قۇندۇزنىڭ يازما دوكلاتىدا ياپونىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى تارىخىي ۋە ھازىرقى كۆز قاراشلىرى شۇنداقلا باش ۋەزىر شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتى ئۈستىدە ئەتىراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان. قۇندۇز ياپونىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسەتچى، ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە تولىمۇ توسالغۇ بولۇۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئەتراپلىق ماتېرىيال تەييارلىغان، – دەپ بىلدۈردى. ئۇ خانىم سۆزىدە يەنە:

– قۇندۇز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازدى. ئۇ، بۇ جەرياندا توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىچىدىكى ئۆيىدىن سىرتقا پەقەتلا چېقمىدى. قۇندۇزنىڭ دوكلاتى تور ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىپ، دوكلاتقا پىكىر بېرىلىپ، ئۈچ قېتىم قايتا – قايتا تۈزىتىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، قۇندۇز يۈسۈپ يالغاندىن تۆت ھەپتىلىك ئائىلىسىنى كۆرۈپ كېلىش باھانىسىدە خىتاي يۈرۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ خاراكتېرى باشقىچە ئىدى، – دەپ كۆرسەتتى.

ساكۇرا تەخەللۇسلۇق خانىم يەنە:

– قۇندۇز يالغۇز ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئاخباراتقىلا شۈكۈر قىلىپ قالمايدۇ. ئۇ ھەتتا تىبەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ كۆپ توپلىدى. قۇندۇز 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگە قەدەر تىبەتتە زىيارەتتە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى، – دەپ ئەسكەتتى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋە شۇنداقلا قۇندۇز ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە،ئەمما ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قۇندۇز ھەققىدە توختىلىپ مۇداق دېدى:

– قۇندۇز يۈسۈپ ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياپونىيىدە باشقىچە ئۇسۇلدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. قۇندۇز ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى ئۆرلىمەكچى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.