2013.08.09

erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ئۇلۇغ روزا ھېيت  مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.

ئۇ، ھېيتلىق سالاملاردىن كېيىن خىتاي ئېچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل بېسىملار، تۈرمە تەھدىتى ۋە ھەتتا ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا بۇ يىللىق رىمىزاننى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر خەلقى باتۇرلۇق بىلەن رىمىزاننى تولۇق تامالىدى. مەن خەلقىمنىڭ  بۇ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. خەلقىم تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر، شېھىتلارنىڭ قانلىرى بىلەن ۋەتىنىمىز ئازادلىققا ئېرىشكۈسى.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي تۈرمىسىنىڭ ئىچى-سىرتىدا ۋاپات بولغان شېھىتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدا مارالبېشى ۋە پىچان ۋەقەلىرىدە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردە جامائەت بولۇشۇپ بىرلىكتە ئوقۇشتى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىنىمۇ تۈرك جامائىتى بىلەن بىللە ئوقۇدى. تۈرك ئىمام ھېيت خۇتبىسىدە شەرقى تۈركىستان قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلار چېكىۋاتقان زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلمىگۈچە، مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى بايرام كەيپىياتى يارىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار دۇئالىرىدا، خوتەن ۋە پىچان قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلىدى.

ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنى ھەرقايسى ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ توپلىشىپ ئوقۇدى.

«5-فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان مەھبۇس ۋاپات بولدى

1997-يىلدىكى 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان قورغاسلىق  پەرھات موللاخۇن 3-ئاۋغۇست 49 يېشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغان.

پەرھاتنىڭ يېقىن تونۇشى بولغان گوللاندىيەدىكى بەختىيار ناسىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پەرھات موللاخۇن 1998-يىلى كۈزدە  سۈيدۈڭ بازىرىدىكى يېزا كادىرى ھېزىماخۇننى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار 3-ئاۋغۇست  پەرھات موللاخۇننىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پەرھات موللاخۇننى تونۇيدىغانلار ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ئادۋوكات ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شيوڭ شيەنگو 5-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايوننىڭ سوت خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1-دەرىجىلىك مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، سوت مەھكىمىلىرىدىن سىياسىي ۋە مەسئۇلىيەت تونۇشىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، ئۇنىڭ سۆزى بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى  جياڭ تيەنيوڭنىڭ قارىشىچە، شيوڭ شيەنگونىڭ سۆزى سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك مىسالى.

جياڭ تيەنيوڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سىياسەت بىلەن ئىش بېجىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:  سوتچىلارنىڭ ۋەزىپىسى سىياسەتنى تەكىتلەش ئەمەس، قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش.

دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 14 ئايدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكى  ئاشكارىلاندى

7 ياشلىق ئوغلىنى خىتاي قاراقچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالغان ۋە قاراقچىنى جازالىمىغان داليەن ساقچىلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتقان نۇرۇنگۇل توختى، بۇلتۇر 6-ئايدا ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر تا ھازىرغىچە نۇرۇنگۇل توختىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىنىڭ بىر خادىمى نۇرۇنگۈل توختىنىڭ تېخىچە قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نۇرۇنگۈل توختى، بۇلتۇر 3‏-ئايدا بىر تۈركۈم ئەرزدار سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئۇ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا، ئۇچتۇرپان ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان ۋە 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان.

شىۋېتسىيەدىكى ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە مەركىزىي تېما بولدى

2-ئاۋغۇست (جۈمە) كۈنى كەچقۇرۇن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە مەركىزىي تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا «شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە ئادالەت جەمئىيىتى»، «شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى» ھەمدە ب د ت نىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىشخانىسىدىن بولۇپ جەمئىي 160 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى قېرىنداش مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن شىۋېت تىلىدا «ئۇنتۇلغان ئەل-شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.

نىجات تۇرغۇن دوكلاتىدا، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ياشاپ كەلگەن ھەمدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنىدە ئېغىر دەرىجىدە مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تەكىتلىدى.