ئاكسىيوس (Axios) خەۋەر تورىنىڭ 1-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش خادىملىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلغان 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 13 تونناغا يېقىن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى لوپ ناھىيىسىدە قۇرۇلغان «مېيشىن» چاچ مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىكەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ‹مېيشىن› شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇتۇپ قىلىنىشى، ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قانۇنسىز ۋە ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتى دەپسەندە قىلىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا ئورۇن يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە بېرىلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.»
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوت ئەگەر بۇ 13 توننا چاچ مەھسۇلاتى راستىنلا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قامالغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالسا، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بۇ توغرىلىق سورالغان سوئاللارغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.