2013.08.06

yang-yu-yaponiye-xitay-elchisi.jpgتوكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 31-ئىيۇل، ياپونىيە.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋەقەسى بىلەن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا توختالغانلىقى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا بۇ قېتىم ئاخبارات ساھەسىدىن 30 نەچچە كىشى قاتناشقان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇ بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە دېيىلىشىچە، باياناتچى ياڭ يۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق ۋەقەلەر» دەپ ئاتىغان.

باياناتچى ياڭ يۇ سۆزىدە، لۈكچۈن ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ «تېررورچىلار قولىدىكى پىچاقلار بىلەن ساقچىلارغا، جەمئىيەتتىكى گۇناھسىز ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن. تېررورچىلار بۇ ھەرىكەتنى ئالدىن پىلانلىغان» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، خوتەن خانئېرىق بازىرىدىكى ۋەقەنى «شىنجاڭدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر ئېلىپ بارغان» دەپ ئىزاھلىغان.

باياناتچى ياڭ يۇ سۆزىدە: «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرى قانداقتۇر دىنىي مەسىلە ۋە ياكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەس. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى پەقەتلا ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ياڭ يۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەلىرى ھەققىدە سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ،جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق ھەرىكەتلەردە خىتاي دۆلىتىنى چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە: «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر، دىن سىياسىتى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، كۈرەش قىلىشى بىلەن بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ھەرىكەت ۋە توپىلاڭلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ خەلقنىڭ ئامانلىقىنى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

ياپونىيەدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ 6-ئايلىق يىغىنى شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ دەل لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا پۈتكۈل خەلقئارا مەتبۇئاتلار كەڭ ئورۇن بەرگەن. ياپونىيەدە لۈكچۈن ۋەقەسى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن ئۇيۇشتۇرۇلغان شۇ قېتىملىق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باياناتچى ياڭ يۇ لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياپونىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ياپونىيەدە 21-ئەسىرىدىكى خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرنىڭ بىرى بولغان ۋە ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى لۈكچۈن ۋە خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئېھتىماللىققا يېقىن دەپ قارىماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيەلىك بىر مۇخبىر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ:«خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ئايدا ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە قانداق قارايدۇ؟» دەپ سوئال سورىغانلىقىنى، خىتاي باياناتچىسى ياڭ يۇ «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى ياپون-خىتاي دوستلۇقىغا پايدىسىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مۇخبىر:«خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ سوئالىم بىلەن سوئالىمغا بېرىلگەن باياناتچى ياڭ يۇنىڭ سۆزىنى خىتاي ئەلچىخانىسى تور بېتىدە ئاشكارىلىمىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ لۈكچۈن ۋە خوتەن خانئېرىق ۋەقەلىرىنى يەنە قايتا تىلغا ئېلىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.