2013.08.02
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىنزو ئابې ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا تەبرىك خېتى يوللىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا تەبرىك خېتى يوللاپ، شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قازانغانلىقىنى قۇتلىغان.
مەزكۇر تەبرىك خېتىدىن خەۋەردار بىر خانىم، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باش ۋەزىر شىنزو ئابې جانابلىرىغا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بىر قانچە پارچە تەبرىك خېتى يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر تەبرىك خەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام توختى يەنە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان
ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى يەنە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى 30-ئىيۇلدىن باشلاپ ھەتتا كارىدورغا چىقىشىمۇ چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەت نەزەر بەند قىلىنىشى كۈنمىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى بۇ يىل مارتتىن باشلاپ 4 قېتىم نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن
پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم يارىلانغان.
ۋەقە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان بازىرى يېڭى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلار كادىرى ئابلەت مۇتەللىپ، يېڭىمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەنۋەر ئۆمەرنى ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە قىستاپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغان. بۇ زوراۋانلىققا غەزەپلەنگەن ئەنۋەر ئۆمەر، ئابلەت مۇتەللىپكە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. بۇ چاغدا كوچا چارلاۋاتقان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ۋەقەگە قول تىققان. ئاقىۋەتتە ساقچى ئەنىۋەر ئەيسا بىلەن دىنىي ئىشلار كادىرى ئابلەت مۇتەللىپ پىچاقتىن يارىلانغان، ئەنىۋەر ئۆمەر يەنە بىر نەپەر ساقچى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.
پولات ئەلەمدار رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى
كۆپ قىسىملىق تۈركىيە فىلىمى «بۆرىلەر ۋادىسى» نىڭ باش رولچىسى پولات ئەلەمدار يەنى نەجاتى شاشماز رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى ۋە دۇنيادا زۇلۇم تۈگىگىچە «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نەجاتى شاشماز، ئىستانبۇلدىن شەرقىي تۈركىستانغا چىڭ كۆڭلۈمدىن سالام يوللايمەن. رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۆيلىرىڭلاردا تور ئارقىلىق «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى كۆرۈۋاتىسىلەر، ئاللا رازى بولسۇن. «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. ئاللا خالىسا، «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمى داۋاملىشىدۇ. دۇنيادا زۇلۇم ۋە بېسىم تۈگىمىگۈچە «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىمۇ تۈگىمەيدۇ. بىز ھەر دائىم زۇلۇمغا قارشى تۇرىمىز. ئىنسانلار زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى چىقىشى كېرەك.
ئۇ، رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىم، دوستلىرىم ۋە ئۇلۇغ-ئۇششاقلىرىمغا ئېھتىرام ۋە سالامىمنى يوللايمەن. رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ئاللا سىلەرگە يار-يۆلەك بولسۇن!
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ نۆۋەت پولات ئەلەمدار بىلەن ئۇچراشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پولات ئەلەمدار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى قىزىقىدىكەن.
ئائىلىدىكى 5 پارتىيە ئەزاسى ۋە 3 ئەمەلدارنىڭ يۈز خاتىرىسى غايىب ئوغۇلنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا يارىمىغان
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغانلىقى ئەڭ يېقىندا بايقالغانلاردىن بىرى شۆھرەت ئوسماندۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت ئوسماننىڭ ئانىسى 30 يىللىق سوت خادىمى، دادىسى ناھىيىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، بوۋىسى سابىق يېزا باشلىقى، مومىسى ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرى، تاغىسى نۆۋەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە بۆلۈم باشلىقى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا پارتىيە ئەزاسى.
ھالبۇكى، 3 ئەۋلاد كىشىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىگە ھاياتىنى بېغىشلاپ كەلگەن بۇ ئائىلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئالدىدىكى يۈز خاتىرىسى، غايىب ئوغۇل شۆھرەت ئوسماننىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنىڭ قايسى قاماقخانىغا قامالغانلىقىنىمۇ بىلىشكە يارىمىغان.
رادىئومىز ھازىرغا كەلگۈچە 5- ئىيۇلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، غايىب بولغان 40 قا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.
ئۇيغۇر ئايال: ئۇيغۇر ئاياللىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى دەپلا ھىجابنى سالماسلىقى كېرەك
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي چەكلىمىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاب، چۈمبەل ئارتىشىنى، پەرەنجە كىيىشىنى چەكلىگەن ۋە ھىجابلىق ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىشىنى، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.
بىراق، غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلسۈم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىنىي چەكلىمە ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرالمىغان، بەلكى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىجاب ئارتىش مۇسۇلمان ئاياللىرىغا پەرز، شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى دەپلا ھىجابنى سالماسلىقى كېرەك.
گۈلسۈم خانىمنىڭ ئېرى ئىلگىرى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.