2013.08.02

abe-and-aduraxman-ramazan-yaponiye-yaponiye-ramazan.JPGسۇمو چېلىشىش ماھىرى مىسىرلىق ئابدۇراخمان ئېھمەد شائالان ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې قول ئېلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى («Japan Times» گېزىتىدىن). 2013-يىلى 31-ئىيۇل، ياپونىيە.

ياپونىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئالاقىسىنىڭ كۈنىدىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلماقتا.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە ياردەم بېرىش خەلقئارا يىغىنى ئېچىشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى شادلاندۇرغان بولسا، بۇ يىل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابېنىڭ ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈشى ياپونىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ھاياجانغا سالدى.

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابې جانابلىرى توكيودىكى باش ۋەزىر سارىيىدا 44 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلوماتلىرىغا ۋە ئۇندىن باشقا ياپونىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرساھەدىكى مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق ئىپتار زىياپىتى بەرگەن.

باش ۋەزىر ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىدىن ھاياجانلانغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تۈركىيەلىك بورا بىنگۆل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ياپونىيە ئىسلام دۆلىتى ئەمەس، بۇ بىر بۇددىزم دۆلىتى. ئەمما ئۇلار بىزنى ئۇنتۇمىدى. رامىزان ئېيىنى خاتىرىلىدى. بۇ ناھايىتى بىر ياخشى ئۆزگىرىش.

باش ۋەزىر ئابې ئىپتار زىياپىتىگە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساس قىلىنغان ياپونچە يېمەكلىكلەردىن سۇشى، توخۇ گۆشى قاتارلىق تائاملارنى ھازىرلىغان. مەزكۇر ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن.

مەزكۇر ئىپتار زىياپىتىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرگەن ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ياماگۇچى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-شىنزو ئابېنىڭ ئىپتار زىياپىتى بېرىشى بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. بىز مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن كۆپرەك پىكىرلەشكەندە، سۆھبەتلەشكەندە ئاندىن ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز. مۇسۇلمانلار ئۇزاق تارىخ، بۈيۈك مەدەنىيەتكە ئىگە، شۇڭا ياپونلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

باش ۋەزىر ئابې ئىپتار زىياپىتىدە ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

شىزو ئابې سۆزىدە ياپونچە ئەنئەنىۋى چېلىش تۈرلىرىدىن بىرى بولغان سۇمو چېلىشىش ماھىرى مىسىرلىق ئابدۇراخمان ئېھمەد شائالاننى تونۇشتۇرۇپ، ئابدۇراخمان بولسا تۇنجى ئافرىقىلىق سۇمو چېلىشىش ماھىرى، ئۇ شۇنداقلا مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، ئابدۇراخمان رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ تۇرۇپمۇ ناگويا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، دەپ ئۇنى ماختىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.

باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئىپتار زىياپىتىدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ دىپلوماتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئالجىرىيە ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى سەئىد ئېلى سۆزىدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى،شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىلىم-پەن،مائارىپ،ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تېببىي پەنلەر دوكتورى پاكىستانلىق دوكتور ئاۋزال ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىفتار زىياپىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش.مۇنداقچە ئېيتقاندا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا چۈشىنىشىگە پايدىلىق.ھازىرغىچە ياپونىيەدە بۇنداق پائالىيەتلەر كۆرۈلمىگەن.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ قېتىمقى شىزو ئابېنىڭ ئىفتار زىياپىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.