2013.07.31

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشخانىسىدىن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن تەبرىك خېتى يوللاپ شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ياپونىيە كېڭەش سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قازانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
مەزكۇر ئىككى پارچە تەبرىك خېتىدىن خەۋەردار بىر خانىم ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باش ۋەزىر شىنزو ئابې جانابلىرىغا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە پارچە تەبرىك خېتى يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:
-رابىيە قادىر خانىم باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلىمى، ياپونىيە باش ۋەزىرلىك سايلىمى ۋە بۇ قېتىمقى كېڭەش سايلىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قېتىملىق سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشكەندە، ئۆز نامىدىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامىدىن كۆپ قېتىم تەبرىك خېتى يوللىدى.
بىز مەزكۇر ئىككى پارچە تەبرىك خېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىن يوللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مەزكۇر تەبرىك خەتلىرى توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
بىز ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن باش ۋەزىر شىنزو ئابېغا يېزىلغان تەبرىك خېتى توغرىسىدا قىسقىچە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سېئىچى ئېتوئۇ ئەپەندىمگە يوللانغان تەبرىك خېتى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.