2013.07.29

yaponiye-xitay-elchixanisi.JPGتوكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2013-يىلى ئىيۇل.

 RFA/Qutluq

7-ئاينىڭ 19-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق خىتاي ئىشلىرىغا ئالاقىدار يىغىلىشتا ياپونىيەلىك بىر ئەرباب ياپونىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىيە خادىمى قۇندۇز يۈسۈپ ھەققىدە توختىلىپ، «قۇندۇز يۈسۈپكە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان بۇ ئەرباب سۆزىدە: «قۇندۇزنىڭ ھەرىكىتى دىپلوماتىيە ھەرىكىتىدىن ھالقىپ كەتكەن، جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇشى ئېھتىماللىققا تولىمۇ يېقىن» دېگەن.

يىغىنغا قاتناشقان بەزى كىشىلەر ئۇ ئەربابتىن:
– سىز نېمە ئاساسلىنىپ، قۇندۇز توغرىسىدا شۇنداق دەيسىز؟-دەپ سورىغاندا،ئۇ ئەرباب ئىككىلەنمەستىن:
‏- قۇندۇز 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قورۇسىدىن پەقەتلا سىرتقا چىقمىدى. ھەتتا ئەلچىخانا ئىچىدىكى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگىمۇ ئىشتىراك قىلمىدى،‏- دەپ بىلدۈرگەن.

ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەرباب، قۇندۇز يۈسۈپ ھەققىدە بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا بەزى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ،ئەرباب سۆزىدە:«قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى، ياپونىيەگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان قۇندۇز توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار بىلەن ياپونىيەدىكى بەزى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە توپلىغان يازما ماتېرىياللار ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيەگە يوللانغان ماتېرىيالىدا، قۇندۇز ئىچكى موڭغۇلدا تۇغۇلغان، مىللىتى موڭغۇل، دېيىلگەن. ئەمما ئۇ ياپونىيەگە 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى يېتىپ كېلىپ، ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ياپونىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەن» دېگەن.

ئۇزۇن قۇلاق بۇ ئەرباب سۆزىدە يەنە:«قۇندۇز ئەسلىدە دىپلوماتىيە خادىمى ئەمەس،ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، ئۇ شۇ مەكتەپتە 1981-يىلىدىن 1997-يىلىغا قەدەر خىزمەت قىلغان. 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغا قەدەر توكيودىكى چۇئو ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ياپونىيەدىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن 1997-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا خىزمەتكە يۆتكەلگەن. ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا خىزمەت قىلماستىن، بەلكى بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ غوللۇق خادىمى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ،ئەرباب سۆزىدە:«قۇندۇزنىڭ ياپونىيەگە يوللىغان يازما ماتېرىيالىدا ھەتتا تۇغۇلغان ۋاقتى، ئائىلىسىدىكى ئوغلى ۋە يولدىشىنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىمۇ ئۆزگەرتىلگەن. قۇندۇز ئەسلىدە 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، بىر پەرزەنتى بار» دەپ، سۈرەتلەر بىلەن ئېنىق مەلۇمات بەرگەن.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار بۇ ئەربابتىن:
-ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمە ئۈچۈن قۇندۇزغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى ئېھتىماللىققا يېقىن؟-دەپ سورىغاندا، بۇ ئەرباب:
‏- قۇندۇز ياپونىيەدىكى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا سالدى. بىزنىڭ بۇ ھەقتە تولۇق ئىسپاتىمىز بار. قۇندۇزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى ھەرىكىتىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت. رابىيە قادىر خانىم 6-ئاينىڭ 18-كۈنى توكيوغا يېتىپ كەلگەن كۈنىدىن بېرى قۇندۇز بىر كۈنمۇ دەپ ئالماي شەھەر ۋە ئۆلكىلەرنى ئارىلاپ، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا تىرىشتى. قۇندۇزنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى يالغۇز ياپونىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق ئەللەرگە چېتىلىدۇ. بىز بۇ ھەقتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئالاھىدە دوكلات يوللىغان،‏- دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇ ئەربابنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇندۇز 6-ئاينىڭ ئىچىدە ياپونىيەدىكى نۇقتىلىق بىر قانچە شەھەرلەرگە بېرىپ شۇ شەھەرلەردىكى بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇنلىغان پىلانلارنى تۈزۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ئەرباب، قۇندۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىش، ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئۇچۇر توپلاشقا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپون تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۇلار ئارقىلىق ئىگىلەشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئەرباب يەنە: «قۇندۇز دائىم ئۆزىنىڭ شايكىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ رېستورانلىرىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئاللىقاچان قۇندۇزنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ بولغان» دەپ كۆرسەتكەن.

قۇندۇزنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇ ئەرباب «قۇندۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا ياراتقان چالغۇ ئەسۋابلىرىنى، ئۇيغۇر تائاملىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى سورۇنلىرىدا خىتاينىڭ قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتقان.

ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-قۇندۇز يۈسۈپ توغرىسىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلار پەقەتلا قۇندۇزنىڭ ياپونىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. قۇندۇزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانداق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم تىزلا چۈشىنەلەيدۇ. قۇندۇز ئۇ ھەرگىز دىپلومات ئەمەس.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.