2013.07.23

shinzo-abe-ghelibe.JPGياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې قوللىغۇچىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2013-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياپونىيە يۇقىرى پالاتا سايلىمىدا ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ياپونىيە يېڭى ئىتتىپاقداش پارتىيىسى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەتبۇئاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى شىنزو ئابېنىڭ پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئالتە يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن پالاتا بىلەن يۇقىرى پالاتانى باشقا پارتىيىلەرنىڭ كونترول قىلىشىغا خاتىمە بېرىپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باش ۋەزىر ئابې سايلامدا ئۆزىنى قوللىغان بارلىق قوللىغۇچىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سايلام ئالدىدا ئۆز خەلقىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەدە قىلغان ئەھدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆز ھاكىمىيىتى ئىچىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپون مىللەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئابېنىڭ غەلىبىسىدىن شادلىنىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈچلىنىپ، خىتاي، كورېيە ۋە ياپونىيە ئارىسىدا تالاشتا بولۇۋاتقان ئاراللار مەسىلىلىرىدە يۇمشاق قوللۇق تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، تىزدىن كۈچلەنگەن تاشقى سىياسىتىنىڭ تەمىنى خىتاي ۋە كورېيەگە تېتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بەزى مەتبۇئاتلاردا بىلدۈرۈشىچە، سىياسىيدىن بىتەرەپ كىشىلەر، سىياسىيونلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن. چۈنكى ئابېنىڭ بوۋىسى نوبۇسۇكې كىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونىيە سانائەت مىنىستىرى، توجو كابىنتېنىڭ ئەزاسى بولغان. نوبۇسۇكې كىشى 1957-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە ياپونىيە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ، ياپونىيەدىكى كوممۇنىستلارغا قارشى ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈپ ۋەكىلى ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيەدىكى خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە «شىنزو ئابېنىڭ غەلىبە قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىغا 21-ئەسىردە كەلگەن بىر چوڭ ئامەت» دەپ يېزىلغان بولسا، خىتاي مىللەتچىلىرى «ياپونىيە شەرقىي تۈركىستانچىلارغا يېڭىدىن سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. ياپونىيە ئۆتكەن ئەسىردە قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا قۇرۇپ بېرەلمىگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەمدى قۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن» دەپ مۇنازىرە قىلىشماقتا.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ قېتىمقى سايلام ۋە سايلامنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور سېئىجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-شىنزو ئابېنىڭ تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. ياپونىيە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىگە ئەلۋەتتە كۆڭۈل بولىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەردە ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بىردەك ھەرىكەتتە بولىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئوبزورچىسى ۋە يازغۇچىسى شې پىڭ ئابې ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە بولغان تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەيلى ھازىرقى ئابې ھاكىمىيىتى بولسۇن ۋە ياكى ياپون ھۆكۈمىتى بولسۇن، ئىزچىل ھالدا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ، ئابې ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئابې ھاكىمىيىتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىگە ئەلۋەتتە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىم، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-باش ۋەزىر ئابېنىڭ غەلىبە قىلىشى نەتىجىسىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بەزى ئىشلارنى ئويلىشىپ كۆرۈشى ھەققىدە مەخسۇس تەكلىپ سۇنۇشىمىزغا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلدى،دەپ ئويلايمەن. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانداق ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە تاشقى سىياسەتتە بەلگىلىنىدۇ دەپ قارايمەن.

ياپونىيەدىكى مىللەتچىلەرگە مايىل بولغان، سېنكاكۇ ئارىلىغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ ياپون بايرىقىنى تىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان كىنو ئارتىسى ۋە تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى كاتسۇراگى خانىم سايلامدىن كېيىنكى ياپونىيەنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزگىچە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەزى ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.