2013.07.19

مۇشۇ ئاينىڭ 21 – كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە يۇقىرى پالاتا سايلىمىدىن ياپونىيىدىكى ياپونلار، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.
ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسىدىكى 250 كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيىدىكى 12 پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ئۆز – ئارا رىقابەتلىشىدۇ. ئەگەر قايسى پارتىيە كۆپ ئورۇننى ئىگىلىيەلىسە، شۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ نىشانى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
ياپونىيىدە ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ياپونىيە تۆۋەن پالاتاسىدا ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى پالاتادىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئۆزلىرى خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى قانۇن لايىھىلەش، ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە قارالغان لايىھىلەر كۆپ قېتىم تۆۋەن پالاتادا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى پالاتا بۇنى رەت قىلغان ئىدى. سەۋەبى يۇقىرى پالاتادا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، 2010 – يىلىدىكى سايلامدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئۇلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيىلەر سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
ياپونىيىدىكى سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيىلەر ئىچىدە ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارىلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆتكەن يىلىدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرلىك سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن باش ۋەزىرلىككە سايلانغان ئەركىن دەموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان شىنزو ئابې بۇ قېتىمقى يۇقىرى پالاتا سايلىمدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ياپونىيە خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ياپون خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خەلقىگە قىلغان سۆزىدە: شىمالىي كورىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن تۇتقۇنلار مەسىلىسى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياپونىيىنىڭ تۇپراق مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەقەتلا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھەل قىلالىشىغا خەلقنىڭ ئىشىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
شىنزو ئابې ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەممىدىن بۇرۇن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يۈز تۇرانە سۆھبەتلەشكەن باش ۋەزىرلەردىن بىرى. شىنزو ئابې ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش كومىتېتىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆپ قېتىم ئايرىم سۆھبەتلەردە بولغان ياپونىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى.
بۇ قېتىمقى ياپونىيىدىكى يۇقىرى پالاتا سايلىمىدا ئەگەر شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشسە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانىدا زور بۇرۇلۇش بولىدۇ دەپ قارالماقتا.
بۇ خىلدىكى قاراشلاردا بولۇۋاتقان ياپونلاردىن كېنتو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
– بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئۇتۇپ چېقالىسا، چوقۇم خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باش ۋەزىر شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ھاكىمىيىتى بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن. چۈنكى شىنزو ئابې ئىلگىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان رەھبەرلەردىن بىرى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ياپونىيە جەمئىيىتىدە ھېچقانداق سىياسىي پارتىيىلەرگە ئەزا بولمىغان، پەقەتلا ئاسىيانىڭ تىنچلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەردىن بىرى ئارېسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
– بۇ قېتىمقى يۇقىرى پالاتا سايلىمدا باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئۈستۈنلۇكنى ئىگىلەيدۇ دېگەن قىياسلار مەۋجۇت،ئەمما ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى غەلىبە قىلسا،ياپونىيە – خىتاي، ياپونىيە – كورىيە مۇناسىۋەتلىرى ناچارلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككى دۆلەتكە ئارال مەسىلىسىدە قاتتىق قوللۇق تاشقى سىياسەت قوللىنىدۇ.
ياپونىيىدە ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقى سايلام توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سايلامدىن كېيىن زور نەتىجىلەرگە ۋە گۈزەل ئىستىقبالغا ئېرىشىدۇ دەپ قاراۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى يۇقىرى پالاتا سايلىمىدا غەلىبىگە ئېرىشسە، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا بىرەر يېڭى قانۇننىڭ لايىھىلىنىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىمالى بارمۇ دېگەن سۇئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.