2013.07.11

qunduz-yusup-yaponiye-konsuli-305.jpgخىتاينىڭ ياپونىيىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپ.

Yaponiye Osaka Xitay konsulxanisining tor betidin elindi

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى توكيودىكى مەلۇم بىر يىغىلىشتا ياپونىيەلىك بىر ئەرباب 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئەمما خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئوساكادىكى كونسۇلخانىسى بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى.

ياپونىيەلىك ھەممىدىن خەۋەردار بۇ ئەربابنىڭ قۇندۇز يۈسۈپ توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىدا 2010-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئوساكادىكى كونسۇلخانىسىغا مۇئاۋىن كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن قۇندۇزنىڭ ياپونىيە ۋە خىتايدا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم مەخپىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.

دوكلاتتا قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ساقچى ئائىلىسى ئىكەنلىكى، ئەسلى ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىندى.

دوكلاتتا، قۇندۇز يۈسۈپ ئوساكادا ئۈچ يىللىق خىزمەت قىلىش جەريانىدا خىتايغا ئۈچ قېتىم قايتقان. 2013-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېتىش لايىھىسى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان دېيىلدى.

ھەممىدىن خەۋەردار بۇ ئەرباب دوكلاتىدا، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا كانساي رايونىدىكى ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى دائىم خىتاي كونسۇلخانىسىغا يىغىپ، شەكىلدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ھەيۋە قىلىشتىن ئىبارەت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، قۇندۇز يۈسۈپ ئوساكا رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ياپونىيە تۇپراقلىرىدا جانلىنىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنى پەقەتلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،ئەمما كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنى سۆيىدىغانلىقىنى جانلىق تەشۋىق قىلدى،-دەپ تەكىتلەندى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە شۇنداقلا قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيەدىكى بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بۇ ئەرباب دوكلاتىدا، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيەدىكى ھەرىكىتى پەقەتلا ئۇيغۇر داۋاسىنى دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق توسۇش ۋە ۋەيران قىلىش دېدى.

ئۇ،سۆزىدە: قۇندۇز يۈسۈپ ياپونىيە تەۋەسىدىكى خىتاينىڭ مىللەتچى زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا باغلىنىشلىق بولغان ماقالىلەرنى، كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، ياپونىيە جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر تارىخىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ،‏- دېدى.

دوكلاتتا قۇندۇزنىڭ، 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ بەش چوڭ شەھىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، بۇ بەش چوڭ شەھەرگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناپ بېرىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى، خىتاي-ياپون دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقىنى دەۋەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا قۇندۇز يۈسۈپنىڭ، ئوساكا تەۋەسىدىكى ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن يېقىن دوست تۇتۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر توپلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا بۇ ئەرباب، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئوساكادىكى، توكيودىكى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى كۆرسەتتى شۇنداقلا قۇندۇز يۈسۈپنىڭ توساتتىنلا ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يۆتكىلىشى تولىمۇ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ھەر قانداق دىپلومات بىر دۆلەتتە ئۈچ يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ تەبىئىي ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ئەرباب يەنە: «قۇندۇز يۈسۈپنىڭ توكيوغا يۆتكىلىشى،بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەدە كۈندىن-كۈنگە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان ئەنسىرىشىدىن بولسا كېرەك» دېدى.

ھەممىدىن خەۋەردار بۇ ئەرباب سۆزىدە: «قۇندۇز يۈسۈپنىڭ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا كېلىشى،بۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. قۇندۇز توكيودىكى ئۆزىنىڭ ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق توكيودا ئۇيغۇر داۋاسى توغرىسىدىكى بىرىنچى قوللۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك» دېدى.

دوكلات ئاخىرىدا بۇ ئەرباب سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ:«قۇندۇز يۈسۈپنىڭ، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆرۈپ، ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا ياڭرىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ئاڭلاپ، ئۆز ۋىجدانىنىڭ ساداسىدىن ئۆزىنى تىڭشاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا خۇدا كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، خىتايغا خىيانەت قىلىدىغان، ۋەتىنى سۆيىدىغان ئۇيغۇرغا ئۆزگىرىشىنى خۇدادىن تىلەيمەن» دېدى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا بۇ ئەربابنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولساقمۇ، ئۇ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆز نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈنكى دوكلاتتا دېيىلىۋاتقان مەسىلىلەر قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىرلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.