2013.07.02

seyit-tumturk-yaponiye.JPGدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى ئىيۇن، ياپونىيە.

6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ ياپونىيەدە پائالىيەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىسلام ئەللىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندا جىددەھ خەلقئارا ئايرودرومىدا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ سائەتلەپ نەزەربەند قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى قىرغىزىستان كونسۇلىغا ۋىزا تەلەپ قىلىپ ئىلماس قىلغاندا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش دىندىكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ، قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى.

ياپونلار ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەممىدىن بەكرەك ئىسلام ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ چۈشىنەتتى.

ياپونىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بىز بىلەن بىللە سۆھبەتتە بولدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.