2013.07.01

rabiye-tokyo-lukchun-namayish.JPGتوكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشتا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى. 2013-يىلى 30-ئىيۇن، ياپونىيە.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدىن باشلاندى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، «خىتاي ھاكىمىيىتى تېررورچى»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توختىتىلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلاندى. نامايىش مەيدانى ياپونىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىلەن لىق تولدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېزىلغان باياناتنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارا چەمبىرەك قويدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن يېزىلغان باياناتنامە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا سېلىندى.

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان گۈلىستان خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.