2013.06.30

okinawa-momay-rabiye-qadir-305.pngئوكىناۋالىق موماي رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە

6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدىكى ئاپتونومىيە سارىيىدا ئۈچ يۈزگە يېقىن كىشىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتقا ئاساسلىقى ناھا شەھىرىدىكى خانىم – قىزلار قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى پاجىئەلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكى دوكلاتى ھەم ياپونىيە تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلات توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

« بۈگۈنكى دوكلاتقا قاتناشقان بارلىق خانىملارنىڭ قول ياغلىقلىرىنىڭ ھۆل بولمىغىنى يوق، ئۇلار دوكلات تۈگىگىچە توختىماي ياش تۆكۈپ ئولتۇردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىنىڭ تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك بولدى. يىغىن تۈگىگەندە ئوكىناۋالىق مومايلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: – ئۇيغۇرلارنى بىز چوقۇم قوللايمىز – دېدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى بۇ قېتىملىق ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتى توغرىسىدا ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دوكلات كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.