2013.06.29

okinawa-yaponiye-uyghur-namayish-305.pngئوكىناۋادىكى ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قىلغان نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش

6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدە يۈزلىگەن ياپونلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ،«ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق» «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى توختىتىلسۇن!» «شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايلار چىقىپ كەتسۇن!»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش ناھا شەھىرىنىڭ ماكىشى باغچىسىدىن باشلاندى. باشلىنىش مۇراسىمىدا ياپونىيە ساكۇرا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى مىزۇشىما ئەپەندىم سوز قىلىپ، يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن سېرىق بۇيا ۋەقەسى، لۈكچۈن ۋەقەسى خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىزۇشىما ئەپەندىم، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چېكىدىن ئاشقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ياپون خەلقىگە چۈشەندۈرۈش ۋە ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىدىن پەخەس بولۇش، خىتايدىن ھوشيار تۇرمىغاندا ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق كۈنىگە قالىدىغانلىقىنى ئوكىناۋالىقلارغا چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

نامايىشتا سۆز قىلغان كاتسۇراگى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتنىشىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:بۈگۈنكى نامايىشنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ياپون خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ھەر – بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقنى بىلدۈرۈش ۋە شۇنداقلا سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشتا ياپونلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش.

نامايىشچىلار ئۇندىن باشقا «رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوكىناۋاغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بىز ئەمدىلا ئوكىناۋاغا يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئوكىناۋا خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بۇ نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى «غەيرەت قىل ياپونىيە» ئاممىۋى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان نامايىش بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلاتتۇر.

نامايىش ناھا شەھىرىنىڭ ماكىشى باغچىسىدىن باشلىنىپ، ناھا شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا كوچىسىنى ئايلىنىپ، ئوكىناۋانىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئاخىرلاشتى.

نامايىش سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر ئىككى سائەت داۋاملاشتى.