خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارانىڭ زور بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكتىن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» نى تاماملىغاندىن كېيىن «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئىسپاتلىق بايانلار غايەت زور ساندىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ھەمدە «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردىن يىغىۋېلىنغان دېھقان ياشلىرىنىڭ لاگېرلارغا يېقىن جايلاردىكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا «زامانىۋى قۇللار» شەكلىدە ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تەنقىدلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسى ھەممىدىنمۇ سالماقلىق ۋە كەسكىن بولدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبيو بۇ ھەقتە كەسكىن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى تەنقىدلىگەن، شۇنىڭدەك مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى چەكلەشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.
1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» ناملىق زور ھەجىملىك ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىشەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان تەمىنات زەنجىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان.
مەزكۇر تەۋسىيەنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى بولغان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ساندىكى لاگېر مەھبۇسلىرى پەيدا بولغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكادىكى سودا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قانچىلىك باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ بۇنىڭ يالغۇز سودا شىركەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئىلمىي تەشكىلاتلار، شەخسلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار دېگەنلەرنىڭمۇ مۇشۇ ھۆججەت بويىچە ئىش كۆرۈشى لازىملىقى ئېيتىلىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئۈسكۈنىلىرى(ھەر خىل كامېرالار، بىئولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەر)نى ياسىغۇچى زاۋۇتلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە مېڭىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرى ھەمدە لاگېر قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى بىناكارلىق شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغاندا تەمىنات ۋە سودا زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشىدىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇش لازىملىقى كۆرسىتىلىدۇ.
2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ خىتاي سودا ساھەسى ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى ساقچى ئىدارىلىرى، ساقچى مەكتەپلىرى قاتارلىق 28 ئورۇننى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا بىۋاسىتە چېتىشلىق» دەپ كۆرسەتكەنىدى. 2020-يىلى 5-ئىيۇندا بولسا يېڭىدىن سەككىز ئورۇننى بۇ قارا تىزىملىككە قوشتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا 2020-يىلى 1-ماي ۋە 17-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقارغان غايەت زور چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم كىيىم-كېچەكلەر تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىندى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم سۇززى بولسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەسكىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەقسىز ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ تەۋسىيەنامىسىگە سودا مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئىمزا قويۇشى ئامېرىكادىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەۋسىيەنامىنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم داۋام قىلىۋاتقاندا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر يېڭى ھۆججەتنىڭ تارقىتىلىشى نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
تەۋسىيەنامىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق يېنىك سانائەت ساھەسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يانفون، تازىلىق مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى (قۇمۇل قوغۇنى، كورلا نەشپۈتى، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى)، پاختا مەھسۇلاتلىرى، چاچ مەھسۇلاتلىرى ۋە يالغان چاچ، باسمىچىلىق بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرى مەخسۇس خەرىتە بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.