2013.06.27

6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ياپونىيىنىڭ ناگويا شەھىرىدە ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى 26 – ئىيۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ناگويا شەھىرىنىڭ ۋېنكايچى سارىيىدا ئېلىپ بېرىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىگە ناگويا شەھىرىدىكى ھەرساھە ئاممىسىدىن بولۇپ،جەمىي 250 كىشى قاتناشتى.
بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 26 – ئىيۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى، ياپون خەلقىنى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئەگەر مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شى جىڭپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھاكىمىيەت دەرھال ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغاندا، شىجىڭپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى چاقىرىق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك لۈكچۈن ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بۇگۇنكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يىپەك يولىدىكى تۇرپان، پىچان ۋە لۈكچۈن دېگەن ناملار ياپونلارغا تولىمۇ تونۇش يەر ناملىرى بولۇپ، كۆپلىگەن ياپونلار 1980 – يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەرلەردە ساياھەتتە بولغان.
لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بېرىش بىلەن تەڭ ياپونلار بۇ بوستانلىقتىكى بۇ پاجىئەگە مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن بەردى.
ياپونىيە ھوكۇمىتى 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شۇ يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ،خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان ئىدى.