
بىر قانچە كۈندىن بۇيان ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بۈگۈن يەنى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوساكادىكى ئېلوساكا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى تىياتىرخانىدا 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
ئوساكادا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئوساكادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانسايدىكى شۆبىسى، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ جەمئىي بەش يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا شاۋگۇەن ۋەقەسىگە ئائىت فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى.
يىغىن ئەھلى شاۋگۇەندە ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شاۋگۇەن ۋەقەسى ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.
ياپونىيەدىكى خىتاي ئوبزورچىسى ۋە يازغۇچىسى شى پىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شى پىڭ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، تۇپراقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشتەك ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. مەن گەرچە خىتايدا تۇغۇلغان بولساممۇ، بۇ ئىشتا ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكىنى ئۆزى تاللاپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشتىم.
بۈگۈنكى دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە يوئىمىئۇرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
يىغىن كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.