2013.06.25

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ 20-ئىيۇندىن باشلانغان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى ياپونلۇق دوستلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانماقتا.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن قۇندۇز يۈسۈپ، ئوساكاغا كەلگەندىن بېرى ئىچىل تۈردە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يىغىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى توسۇپ كەلگەن ئىدى. قۇندۇز يۈسۈپ كانساي رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ماختاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چېقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پەقەتلا بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قىسىم ياپونلارغا تەتۈر تەشۋىق ئېلىپ بارماقتا. قۇندۇز يۈسۈپ ياپونىيەدە ئۈچ يىل تۇرۇش جەريانىدا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ، ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ھەققىدە توغرا تەتقىق ئېلىپ بېرىشىنى توسۇش، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆز-قۇلاق بولۇش، ۋىجدانى،ئىمانى كامىل بالىلارنى كۆزىتىش قاتارلىق پايلاقچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
قۇندۇز يۈسۈپ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ بەش چوڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتى ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن ئاقىۋەتتە، رابىيە قادىر خانىم دوكلات بېرىدىغان شەھەرلەرگە بېرىپ، شۇ شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ياپونىيە-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سېلىش، ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا داستىخان سېلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانماقتا.
قۇندۇز يۈسۈپ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خوككايدونىڭ ساپپورو شەھىرىدىكى دوكلاتىغا شۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرماسلىق ئۈچۈن مەخسۇس زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شۇ كۈنى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى، ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى سورۇن تۈزەپ يىغىۋالغان.
بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قۇندۇز يۈسۈپنىڭ بۇ ھېلىسىگە ئالدانماستىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىغا قاتنىشىپ، دوكلاتتىن كېيىن ئۆيلىرىدە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان.
مۇئاۋىن خىتاي كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ خوككايدودا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمغا ئىنكاس قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ خىل ئىنكاس توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق. رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قۇندۇز يۈسۈپنىڭ بەزى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.