
6-ئاينىڭ 23-كۈنى توكيودا تەكلىماكاندىكى ئاتوم سىناقلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر دوكلات يىغىنى ياپونىيە قاتناش جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىش بېجىرىش بىناسىنىڭ 9-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا ياپونىيە يىپەك يولى ئىلىم-پەن كۇلۇبى ساھىبخانىلىق قىلدى. خەلقئارادا تونۇلغان فىزىكا مۇتەخەسسىسى خوككايدو ساپپورو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور جۈن تاكادا 2012-يىلى تەكلىماكاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىككى نەپىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىل سۈپىتىدە قاتناشتى. ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى يىغىندا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. پارلامېنت ئەزالىرى ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۆزى يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا ياپونىيە يىپەك يولى ئىلىم-پەن كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى شىراي ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى زىيارىتىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى زىچلىقىدىن قاتنىشالماي، خوككايدودىكى ساپپورو شەھىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە ۋە مۇتەخەسسىس جۈن تاكادا ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور جۈن تاكادا دوكلاتىنى ئۇيغۇر 12-مۇقام مۇزىكىسى بىلەن بىرلىكتە كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش فىلىمىدىن باشلىدى. فىلىمدا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، فىلىم ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭ پروفېسسور جۈن تاكادا سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى:
-خىتايلاردىن چىراي شەكىل، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە شۇنداقلا ھەممە جەھەتتە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەر تارىختىكى كروران دۆلىتى قۇرۇلغان جاي.
پروفېسسور جۈن تاكادا ئۆزىنىڭ 1985-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان تەكلىماكاندىكى ئاتوم سىناقلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ئاساسىدا توختىلىپ، 1964-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىدە راك كېسىلى بولۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا 148 مىڭدىن ئوشۇق دەپ بېكىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور جۈن تاكادا ئۇيغۇر ئېلىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتچىلىق سەۋەبىدىن كېسەل كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور مۇتەخەسسىس جۈن تاكادا ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت بىلەن بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەن ياپونلاردىن بەش نەپىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
پروفېسسور جۈن تاكادا دوكلاتىدا ئۆزىدىن باشقا، بۇ رايوندىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىدە تۈرلۈك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھازىر ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختىنىڭ ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم» ناملىق تەتقىقاتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.
پروفېسسور جۈن تاكادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ماتېرىياللىرىدىن ئالغان مەلۇماتىدىكى ئاتوم سىناقلىرىدا زەربىگە ئۇچراپ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 75 مىڭدىن ئوشۇق دېگەن مەلۇماتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
پروفېسسور جۈن تاكادا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «سىز، نېمە ئۈچۈن تەكلىماكاندىكى ئاتوم سىناقلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردىڭىز ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭچە ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلار قاتارىدا دۇنيادا ھەممىدىن بەك ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقانلار ئۇكرائىنالىقلار، ئۇندىن قالسا يىپەك يولى ۋە قازاقىستانلىقلار دەپ ئويلايمەن. ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى تېببىي ئۇسۇل قوللىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەقسەتتە بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردىم. شەرقىي تۈركىستان دۇنيا بويىچە ئاتوم زەربىسىگە ھەممىدىن بەك ئېغىر ئۇچرىغان يەر بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەرنى تاللىدىم. ھەرگىزمۇ كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئەمەس.
پروفېسسور جۈن تاكادا ئەپەندى «سىز رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە نېمە دېمەكچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلماي، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم سىناقلىرىنى ئېلىپ باردى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىپ، يىپەك يولىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ دۆلەتكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.