
6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك تاماملاپ 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەسىلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك،ئىلھام مەخمۇت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە ياپونىيىلىك ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا خوككايدو ئۆلكىسىنىڭ ساپپورو شەھىرىگە يېتىپ باردى.
رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى كەچتە ساپپورو شەھەرلىك مائارىپ – مەدەنىيەت سارىيىدا ساپپورو خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا ئاساسلىقى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغان غايىبلار توغرىسىدا توختالدى.
دوكلات بېرىش سەھنىسىگە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغانلارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، غايىب بولغانلارنىڭ سۈرەتلىرى دوكلاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ساپپورو خەلقىگە دوكلات بېرىشى ئىككىنچى قېتىملىق دوكلاتى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم 2007 – يىلى،ھەلقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىنغاندا ساپپورو شەھىرىدىمۇ دوكلات بەرگەن ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ساپپورۇلۇق ئوقۇغۇچى تاكۇيا بۈگۈنكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
– «مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.يەتمىش ياشقا يېقىنلاشقان، چاچلىرى ئاقارغان بۇ ئانىنىڭ سۆزىدىن،خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ۋەھشى ۋە قەبىھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.»
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.