2013.06.22

rabiye-qadir-yaponiye-305.pngياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى توكيودا ئۇيغۇرلار، ياپونلار ۋە بىر قىسىم چەتئەللىكلەر بىرلىكتە كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى خاتىرىلىدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياپونىيە دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغان غايىبلارنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى باشلىنىش بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار سەھنىگە ئېسىلغان غايىبلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭۈللىرى بۇزۇلۇپ، كۆز يېشى قىلىشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، تەيۋەن – ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لىنباوخۇا ئەپەندىم، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دائىچىن، ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتنى قوللاۋاتقان ياپونلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەر – جەھەتتە يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان ياپونلارغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر جەمئىيەتنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان تەسىراتىڭىز قانداق دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى مۇشۇ ھالەتكە كېلىشىنى ياپون خەلقىنىڭ ياردىمىدىن ۋە قوللىشىدىن ئايرىم قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ياپون خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت داۋامىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە جەمئىي مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەييارلانغان ئۇيغۇرچە ۋە ياپونچە يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن ئونغا قەدەر داۋاملاشتى.