2013.06.22
21 – ئىيۇن ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سوز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئازايتىشى مۇمكىن دەپ ئۈمىد كۈتكەنلىكىنى، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. بىز خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابې ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» باش كاتىپى ئېتو ئەپەندىلەرنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى كىشىلەردىن باشقا 10 غا يېقىن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ياپونىيىنىڭ سابىق سودا ۋەزىرى تاكېئو ھىرانۇما قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 21 – ئىيۇن قۇرۇلغىنىغا بەش يىل توشتى. رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيىگە بارغان ۋە بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى.
مەزكۇر مۇراسىمنىڭ تەپسىلاتىنى تەپسىلىي خەۋەرلەر سەھىپىمىزدە ئاڭلىغايسىلەر.